****************************
روزى سايىت رۇبائىيلىرى****************************
(1)
ساتقۇنلار ۋىجدانىنى سېتىپ يەيدۇ،
ئاقىللار ئەقلىدىن نان تېپىپ يەيدۇ.
بېشىنى سىلىغاننى چىشلەيدىغان
يۈزسىزلەر ئەقلىنىمۇ قېتىپ يەيدۇ.
(2)
قۇم يىغىلسا تاغ بولىدۇ، ئەل يىغىلسا باغ،
ئەل چېچىلسا نىم بولىدۇ؟ يۈرەكلىرى داغ.
بەش بارماقنى جەم قىلمىسا تۈگۈلمەيدۇ مۇشت،
ئىككى قوچقار ئۈسۈشكەندە كۈلەر بۆرە، زاغ.
(3)
ھەسەتخورنىڭ كۆڭلى خوش بولماس،
« جۈپ چوكا » دىن قولى بوش بولماس.
ئۇنداقلارنىڭ ھالى زەبۇنلۇق ،
قانچە قىلسۇن نېنى قوش بولماس.
(4)
بىر قېتىم كەسمەك ئۈچۇن ئۆلچىگىن يەتتە ،
سەن بۇنى مىزان ئەت سۆزدە - ھەرىكەتتە.
ئەقىلنىڭ دۈشمىنى ئالدىراڭغۇلۇق ،
ئالدىراپ ئىش قىلساڭ قالىسەن دەرتتە.
(5)
گۈل ئۈزەي دىگەنتىم سانچىلدى تىكەن،
تىكەنسىز ئەمەسكەن، بىلدىم گۈل دىگەن.
ئارقامغا يانغانتىم، گۈل ئېيتتى كۈلۈپ:
« تىكەندىن قورققانغا گۈلى نەدىكەن؟ »
(6)
ھەر ئىشنىڭ باشلىنىش - دەسلىپى قىيىن،
جاپاسى ئالدىدا، راھىتى كىيىن.
كىمىكى كۆرسەتمەي چىدام - ئىجـتىھات،
تەلپۈنسە راھەتكە ئىشى بىر تىيىن.
***************************************
روزى سايىتنىڭ «روبائىيلار» توپلىمىدىن ئېلىندى.
روزى سايىتنىڭ «تەڭرىتاغ، تارىمدا سىر كەچمىش تولا» دىگەن ئېسىل شېئىرىنى بۇ مەنزىلدىن ئوقۇڭ:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1422***************************************