زۇڭلى ۋىن جياباۋنىڭ لىكسىيە سۆزلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ئەر سوتلىنىدۇ
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» 4 - فىۋرال خەۋىرى . 2 - فىۋرال دۆلىتىمىزنىڭ زۇڭلىسى ۋىن جياباۋ ئەنگىليىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتىت بولغان كامبىرچ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلىگەندە 27 ياشلىق غەرپلىك بىر ئەرنىڭ قالايمىقان قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى . زۇڭلى ۋىن جياباۋ بۇ ئىشقا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى . كامبىرچ ئۇنۋېرسىتىتى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھەمدە بۇ قالايمىقانچىلىقنى «ئەزىز مېھمانغا قارىتا بىھۆرمەتلىك قىلىش» دەپ قارىدى . ئەنگىلىيە تەرەپ بۇ ئىشتىن كەچۈرۈم سورىدى ھەم قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىنى ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئەنگىلىيە ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ ئەر «ئاممىۋى تەرتىپ قانۇنى» نىڭ 4 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 - فىۋرال كامبىرچ يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلىنىدىكەن . سۈرەتتە : قالايمىقانچىلىق چىقارغان مەيداندىن كۆرۈنۈشلەر .
http://news.sina.com.cn/c/2009-02-05/010417149471.shtml