باشقىلار فوتوشوپتا ياساپ قويغان رەسىملەر ، مەنمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇنداق رەسىمدىن نەچچىنى ياساپ بېرىمەن.
جاھاننى زىل - زىلگە سالغان « گىگانىت ئادەم » رەسىمى ساختا ئىكەن (رەسىم)
ئامرىكا « دۆلەتلىك جۇغراپىيە ژورنىلى» نىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى :
كانادالىق بىر ئوغۇل بالا كومپىيۇتىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بىر پارچە پىلنىڭ تاشقا ئايلانغان تاشقاتمىسىىىنى كولاۋاتقان رەسىمگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ رەسىمنى بىر گىگانىت ئادەمنىڭ تاشقاتمىسىنى كولاۋاتقان شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئۇنى تورغا تارقىتىۋەتكەن، بۇ رەسىم ئىنتىرنىت تورىدا تارقىلىپ يۈرگەندىن كىيىن ئامىرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە كېڭەشمىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئارخىلوگىيە گورۇپپىسىدىن مەخپى ھالدا بىر گىگانىت ئادەمنىڭ تاشقاتمىسىنى كولىغان ياكى كولىمىغانلىقىنى سورغان ۋە ئاخىرىدا بۇ ئىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ كانادالىق يىگىتنى تېپىپ بۇ ئىشنىڭ پەقەت بىر ئويۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان
بۇ خەۋەر 2004-يىلى ئىنتىرنىتتا تارقىغاندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىقان ،بۇ يىل 3-ئايدا ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىللىرى « ئامىرىكا ئارخىلوگلىرى بىر گىگانىت ئادەمنىڭ تاشقاتمىسىنى كولاپ تاپقان» دىگەن خەۋەرنى تارقاتقاندىن كىيىن ئامىرىكا بۇ ئىشنى ئىنىقلاشقا كىرىشكەن ، ۋە بۇ رەسىمنىڭ ئەڭ دەسلەپ كانادادىكى Worth1000 دىگەن تور بېتىدىن تارقالغانلىقىنى ۋە بۇ تور بېتىنىڭ « رەسىم بىر تەرەپ قىلىش » مۇسابىقىسىدە بۇ رەسىمنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ، بۇ رەسىمنى يوللىغۇچىنىڭ توردىكى نامىنىڭ « تۆمۈر لەگلەك » ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ بۇ يىگىتنى تېپىپ چىققان
بۇ يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بۇ رەسىمنى ئەسلىدە 2000-يىلى نىيۇ - يۇرىك خەيدى باغچىسىدىن ئارخىلوگلار بىر پىلنىڭ تاش قاتمىسىنى كولاۋاتقان رەسىمدىن ۋە باشقا ئىككى رەسىمدىن پايدىلىنىپ 1 يېرىم سائەت سەرىپ قىلىپ ياساپ چىققان .
بۇ خەۋەر ئاشكارلانغاندىن كىيىن ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىللىرى كۆرۈرمەنلەردىن ئاشكارا ئەپۇ سورىدى .
ئۆزگەرتىلگەن ساختا رەسىم
مەنبە :
http://news.qq.com/a/20071216/001864.htm