ھايات بولسام قەيەردە ياشاي
تانالمايمەن ئۇيغۇرلۇقۇمدىن
نەسلىم بىلەن تۇنۇلغاچقا مەن،
پەخىرلىكمەن ئەجداتلىرىمدىن.
تەقدىر مىنى باشلىسۇن نەگە ،
غورۇر بىلەن ياشايمەن ئەبەت.
ئۇيغۇر بولۇپ توغۇلغىنىمدىن ،
پەخىرلىنىپ ياشايمەن ھەررەت.
ئۇيغۇر ئۆزۈم خىسلەتلىرىم خاس،
ئاداشمايمەن ئەسلىمدىن تىنىپ .
ئۆزۈمگە خاس غۇرۇر-ۋىجدانىم،
قىيانلايدۇ ئىپتىخارلىنىپ.
ئانا تىلىم مۇقەددەس ماڭا ،
يۇقتۇرمايمەن يامان ئىللەتنى .
نۇزۇك روھى ھامان قىنىمدا،
يۇقاتمايمەن قەدىر-قىممەتنى.
بىلىقىزئەمەت(پاك)
ئەسەر مەنبەسى : ئۆز ھېسياتىم.
[ بۇ يازما bilkizpak تەرپىدىن2009-02-28 20:41دە قايت ]