ئابتۇبوستا شۇنداق مەس كۆردۇق بىز سېنى، ئاغىزلىرىڭ گەپكە كەلمەس چايناپ تىلىڭنى. بەدبۇي پۇراق قاپلاپتۇكى شۇ تاپ تېنىڭنى، كۆرۈشمەكتە يولداشلار بۇ ھەقسىز كىنونى.
كۆردۇق يۈزۈڭ ئۇيغۇركەنسەن ئىدىڭ قەلەمقاش، خىجىللىقتىن ئولتۇراتتۇق كۆتۈرەلمەي باش. تاشلاپ سېنى كېتەلمىدۇق ،يۈرەك چىدىماس، تومۇرلاردا ئېقىۋاتقان ئوخشاش قان بولغاش.
سېنى كۆرگەن چوڭلارنىڭ ئاغزىدا ۋاي-ۋاي، خەقنىڭ چالغان دېپىغا ئوينىما ناي-ناي. دەردىڭنى سەن ئالمىغىن ئىچىپ ھاراق-مەي، چىرايلىقمۇ كوچىلاردا يۈرسەڭ تۇپا-لاي.
ئاتا-ئاناڭ ئەنسىرەر قىزىم نەدە دەپ، سەن يۈرۈيسەن كوچىدا خوشاللىق ئىزدەپ. قارايسەن يۈزىگە ئەمدى نىمە دەپ، غەمگۇزارىڭ تۇرسا ساڭا يەنە نىمە دەرد.
تاپتۇق سېنىڭ تۇرار جايىڭ ئىزدەپ شۇنداق تەس، بارمىدى ئېغىز ئانىغا دىيىش سېنى مەس. تاپقىن ھوشۇڭ ئىچمە زەھەر ئەمدى بولدى بەس، قاغىش ئالساڭ ئەلدىن،سېنى باسار ئاخىر نەس.
|