خەۋەر مۇنبىرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەردوئان: تەختتىن مەن چۈشىمەنمۇ ياكى پۇتىنمۇ؟

ئەردوئان: تەختتىن مەن چۈشىمەنمۇ ياكى پۇتىنمۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-06 ئاۋاتلىقى: 3746 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-دېكابر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 30-نويابىر تۈركىيەنى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن نېفىت سېتىۋالدى دەپ يەنە بىر قېتىم تەنقىدلەپ، بىزنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەگە بارىدىغان نېفىت توشۇش پورتىنىڭ يول بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ-24 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى دېگەن قارىشىمىزنىڭ ئاساسى بار دېدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان ئارقىدىن ئىستىپا بېرىش قەسەمياتى بىلەن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى. گەرچە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىغا تەڭ قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، تىغ ئۇچىنى بىر-بىرىگە قاراتتى، رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئىستىقبالى ئۈمىد يوقتەك تۇرىدۇ.
رۇسىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ پۇتىن 30-نويابىر ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزگىنلەپ تۇرغان نېفىتلىكتىن ئېلىنغان نېفىتنىڭ سودا دائىرىسىدە كۆپ مىقداردا تۈركىيەگە توشۇلغانلىقى ھەققىدە رۇسىيەنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى بار، ئەمما تۈركمەنلەرنى قوغداش بولسا پەقەتلا باھانە دېگەن. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان پۇتىننىڭ بۇ قارىشى ھەققىدە مۇخبىرلارغا، مەن شۇنى ئوچۇق ئېيتىمەنكى، ئەگەر بۇ ئىش راست بولىدىغان بولسا، مەن ئۆز ئورنۇمدا تۇرمايمەن، بۇنىڭ ئەكسىچە، مەن جانابىي پۇتىندىن شۇنى سوراپ باقاي، ئەگەر مەن ئورنۇمدا تۇرماي قالسام، سىزمۇ ئورنىڭىزدا تۇرامسىز-تۇرمامسىز دېدى.
رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىمۇ پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىدىكى مۇھىت مەسىلىسىدىن سىرتقى يەنە بىر مۇھىم قارالما بولۇپ قالدى. پۇتىن رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش ئىشى كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىدىكى بارلىق ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەردە تىلغا ئېلىندى. بارلىق رەھبەرلەر بۇنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇتلەق كۆپ ئادەم تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، بۇ ئايروپىلان تۈركىيەگە تەھدىت پەيدا قىلمىغان دەپ ھېسابلىدى دېدى. تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلاندىڭىزمۇ-يوق دەپ سورالغاندا پۇتىن مەن ئۆزۈم بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم، چۈنكى مەن كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلغان ئىدىم دېدى.
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى باش ئىشتابى سۇرىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى سۇ-24 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ چېگرىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى دېگەن. بىراق ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تىرۇدونىڭ 30-نويابىردىكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنىڭ ماتېرىياللىرىدىن رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئايان بولدى دېدى. ئەردوئان بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پارىژدا كۆرۈشكەندە، ئوباما ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئۆزى ۋە ئۆز ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ دەپ تەكىتلىدى. ئۇ يەنە رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
رۇسىيە ئۆزىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلۈش ۋەقەسىدە يەنىلا قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ساقلىدى. پۇتىن بىز تۈركىيەنىڭ رۇسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش قارارىنى تۈركىيە زۇڭتۇڭى چىقارمىغان، بەلكى باشقىلار چىقارغان دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، بۇنىڭ بىزگە ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، مۇھىمى شۇكى، بۇ خىل جىنايى قىلمىش سەۋەبىدىن بىزدىن ئىككى ھەربىي قازا قىلدى دېدى. رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى»نىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋىدىۋ 30-نويابىر مۇئاۋىن زۇڭلىلار بىلەن ئاچقان يىغىندا، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە چەكلىمە قويۇش تەدبىرى زۆرۈر ئەھۋالدا كېڭەيتىلىدۇ، بىز بەلگىلىك ھوقۇق بېرىلگەن دائىرىدىكى تاۋار ئىمپورت قىلىش چەكلىمىسى ۋە چېگرىدىن كىرىش چەكلەنگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى كېڭەيتىشىمىز ھەم تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چەكلەش ياكى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشىمىز مۇمكىن دېدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ خەۋىرىدە، زۇڭلى مېدۋىدىۋ تۈركىيەگە ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىش پەرمانىنى ئىمزالىدى دېيىلدى.

تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى 1-دېكابىر يەنە بىر قېتىم ۋەقە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رۇسىيە بىلەن ھەربىي قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئېچىشنى مۇراجىئەت قىلدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەينى چاغدا مۇشۇنداق تىراگېدىيەدىن ساقلىنالايدىغان ھەربىي ئالاقە يولى بار ئىدى، لېكىن بۇ يول رول ئوينىيالمىدى، بۇ رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس، بىز تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۈركىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشى ھەققىدىكى ئاخباراتنى ئىگىلىدۇق دېدى.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى