يەرشارىدىكى يېشى 9500 يىللىق دەرەخ شىۋېتسىيەدە بايقالدى
يانفوندا كۆرۈش
ئومىيە ئىنستىتۇتىنىڭ گىئولوگى لايىف كاسپار 2004-يىلى بىرىنچى بولۇپ بۇ دەرەخنى بايقىغان. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان دەرەخ يىلتىزىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئۆسۈملۈك ئەمەس بەلكى يەر شارىدىكى ئەڭ قېرى دەرەخ ئىكەنلىكى ئىسپاتلىغان. پىروفېسسور لايىف كاسپار بۇ بايقاشتىن كېيىن دەرەخنى يېل دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. يېل ئۇنىڭ ئامراق ئىتىنىڭ ئىسمى بولۇپ پىروفېسسور مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئامراق ئىتىنى خاتىرىلىگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە قارىغاندا بۇ دەرەخ مۇز دەۋرىگە تەۋە ئىكەن. مۇز دەۋرىنىڭ كىلىماتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ بۇ دەرەخ ئەينى ۋاقىتتىكى قاتتىق بوران ۋە سوغۇق ھاۋا شارائىتىدىمۇ ئۆلۈپ قالماي ھازىرقى زامانغا قەدەر ھايات تۇرالىغان.
مەنبە: ئەرقال مېدىئاسى