قوغدا ۋەتەن، ئاتاڭدەك
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر)
پىتنە-پاسات ئىشەنمەي،ئەمەلىيەت سۆزلىگىن،
ساۋاتسىزغا ئەگەشمەي،ئاقىللارغا ئەگەشكىن،
بىلىمسىزگە يول قويماي،خۇراپاتلىق تۈگۈتۈپ،
پارتىيەگە ئەگىشىپ،توغرا يولنى سۆزلىگىن.
نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ،مەرىپەتكە يۈزلەنگىن،
سىياسەتنى چۈشۈنۈپ،توغرا يولنى بويلىغىن،
مۇقۇملۇقتا چىڭ تۇرۇپ،ئىناقلىقنى كۈيلۈشۈپ،
نۇرلۇق چىراغ-شام بولۇپ،ئىلىم-پەندە كۆكلىگىن.
ئەقىل ئېلىپ تاۋلىنىپ،ھورۇنلىقنى تاشلىغىن،
مەدەنىيەت ئىگەللەپ،نادانلىقتىن قۇتۇلغىن،
ۋەتىنىمدە راھەتتە،كۆكتە پەرۋازلار قىلىپ،
ئادا قىلىپ بۇرچىڭنى،شەرەپ قۇچۇپ يايلىغىن.
ئەلگە كېرەك ئەر بولۇپ،ياشىغىن سەن ئەركەكتەك،
مېھىرلىشىپ سېردىشىپ،سايرىغىنسەن بۇلبۇلدەك،
باش نىشاندۇر مۇقۇملۇق،ئاتا قىلغىن بارىڭنى،
كۆكرەك كېرىپ ۋاقتىدا،قوغدا ۋەتەن،ئاتاڭدەك.
ۋەتەن ئۈچۈن تىرىشىپ،ئۇچقىن دوستۇم بۈركۈتتەك،
ئۇرۇق-تۇغقان بولۇشۇپ،بولغىن خۇددى قوش-كېزەك،
قول تۇتۇشۇپ ئەبەدىي،ئۆتۈپ ئېناق بىر ئۆمۈر،
ۋەتېنىمىنىڭ قوينىدا،پەرۋازلىغىن لاچىندەك.
رەقىپلەرگە يول بەرمەي،يوقات قەتئى ئەركەكتەك،
ئەۋلاتلارنى ئويلىغىن،پەرۋېشلىگىن باغۋەندەك،
ۋەتەن ئانا قوينىدا،ياشا مەغرۇر روھلۇنۇپ،
تېرش،ھارما،پەرۋازلا،خۇددى بۈركۈت،لاچىندەك.
128 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 12:59:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|