لۇتۇننىڭ خىسلىتى ۋىجدانغا ماياك
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
( ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ،ئوت يۈرەك شائىر لوتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 94 يىللىغىغا بېغىشلايمەن )
بىر ئوبراز قەلبىمنىڭ تۆرىدە سۇلتان ،
چولپاندەك نۇرلىنىپ چاقنار داۋامەت .
مەدەتكار پېشىۋا مەن ئۈچۈن ھەر ئان ،
روھىمغا بېغىشلار ماغدۇر ،ھارارەت .
سېزىمەن ئۇنىڭدىن بىر بۆيۈكلۈكنى ،
( كۆرىنەر گىگانت بەستى -سىماسى ) .
ئۈگەندىم ئۇنىڭدىن كىملىك ،ئۆزلۈكنى ،
مەنزىلىم يۇرىتار چاقناپ زىياسى .
ئىجاتتا رەھنىما ،ياشاشتا ئۆرنەك ،
يېتەكلەپ ماڭىدۇ ھەقىقەت تامان .
شائىر بىر پەرۋانە -پىداكار دېمەك ،
بارلىغى ئەل ئۈچۈن تەسەددۇق ھامان .
لوتۇننىڭ خىسلىتى ۋىجدانغا ماياك ،
پەرلىنەر ئىرادەم -تاۋلايمەن قانات .
غاپىللىق ئىنساننى ئەيلەيدۇ بىراك ،
ئەگەر يار بولمىسا شىجائەت ،سۇبات .
ياشاش -بىر كۈرەشتۇر ،ماڭدامدا سىناق ،
ئەڭ توغرا يېشىمى "يىللارغا جاۋاپ "@
تەپەككۈر كۆزىدە مىسرالارغا باق ،
تەكەببۇر ۋاقىتمۇ چەكتى ئىزتىراپ !
"خىيالچان تىلەك "@ تە ئىستەك چوغلىنار ،
ئاھ ،شائىر قىسمىتى چېكىش دەرت -پىراق .
شادلىغى ، قايغۇسى ئەلگە باغلىنار ،
بىل :شەخسى غەرەزدىن ئەبىدى يىراق .
ئوت ئاچتى زۇلۇمغا قەلىمى قۇرال ،
ھۆرلۈكچۈن قوزغىدى كەسكىن جەڭ -چېلىش .
نەزمىسى رەقىپنى تىترەتتى غال -غال ،
مىڭ ئۆلۈم شائىرغا بۇ يولدىن يېنىش .
روھىغا كەلگەن ماس "قاينام ئۆركىشى "@،
ئۆركەشلىك ئىلھامى ئۇنىڭ توختاۋسىز .
نەمۇنە ئەيلىسە ئۇنى ھەر كىشى ،
تەرىپى داستاندۇر ،قەلبى غۇبارسىز .
ياۋۇزلار قولىغا بولغاندا ئەسىر ،
دەھشەتلىك قىيناشلار قىلسىمۇ داۋام .
كۆرسەتسە ۋەھىمە ئەجەلدىن تەقدىر ،
قورقمىدى زەررىچە بەردى ئۇ چىدام .
ئەقىدە -ئىخلاسى ئەسلا تەۋرەنمەس ،
ئالقىشقا تالىقتۇر بۇنداق قەيسەر ھال .
ئېڭىدا بىر ئوتلۇق سۆيگۈ مۇقەددەس ،
كۈلپەتلەر كەلكۈنى ئېتەلمەس پايمال .
جىسمىنى ئەيلىدى نابۇت جاھالەت ،
تەڭرىتاغ ماتەمدە شۇ دەم ئەگدى باش .
بولغاندەك بىر يولى مۇدھىش قىيامەت ،
مىسلىسىز ئەلەمدە ساما تۆكتى ياش .
تۇيغۇلار ئۆرتەلدى ، ھېسلار ھاسىدا ،
چۈمۈلدى سۈكۈتكە تارىم ھەم ئىلى .
بولغانمۇ مۇسىبەت بۇنىڭدەك كاتتا ،
باغرى چاك ،ئېزىلدى ئەل -ئاۋام دىلى .
تۇزكورلار ھەر كۈنى مىڭ رەت ئۆلىدۇ ،
شەخسىيەت قۇربانى قىسمىتىمۇ كاج .
تۆھپىكار ئوغلاننى ھەر جان سۆيىدۇ ،
كەيدۈرەر بېشىغا ئىپتىخاردىن تاج .
ياق لۇتۇن ئۆلمىدى ،تۇرىدۇ ياپ -ياش ،
مىليونلار قەلبىدە ياساپ ئۇز قەسىر .
مۈمكىنمۇ روھىنى لەھەتكە قاماش ،
كېزىدۇ جاھاننى ئاتلاپ كۆپ ئەسىر ؟!...
-----@ "يىللارغا جاۋاپ "، "خىيالچان تىلەك " لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىردىكى نادىر ئەسەرلىرى .
------@"قاينام ئۆركىشى " شائىرنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى .
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
13217 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-10 0:22:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-15 21:02:49 | ئابدۇراخمان ساۋۇت |
شائىر تۇرسۇن ئىمىن شەيدائىنىڭ «لوتۇننىڭ خىسلىتى ۋىجدانغا ماياك » ناملىق شېئىرى -ھەقىقىتەن نادىر ئەسەر ئىكەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|