لىكىن سەن يوق
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
بىلمىدىم ، تۇتۇلغانمۇ زۇۋانىڭ ، جىم-جىت ،
مۇڭلۇق ناخشاڭ ئاڭلاي دېگەن ، لىكىن سەن يوق ،
غېرىب بولدۇم دېرىزەڭ يانىدا بىردەم ،
ئەپسۇس ، سېغىزخان غاقىلداپ ، لىكىن سەن يوق .
ئۆتتى كۈن سۈكۈت ئىچىدە ، يوققۇ تېۋىش ،
تالدى كۆزلىرىم تەلمۈرۈپ ، لىكىن سەن يوق ،
گەر بولسىمۇ باھار ، مۇزدەك يۈرەك ھەجەپ ،
قېينىدى ئازاپلار مېنى ، لىكىن سەن يوق .
ھەر چاغ سېنى قىلىمەن خىيال ، بىلمىدېڭ ،
كۈلكەڭ قېنى ، يۈردۈم غەمكىن ، لىكىن سەن يوق ،
يەنە سالساڭ دەردۇ ئازاپ ، چىداي قانداق ؟
كۆز يېشىم دەريا بولدىغۇ ، لىكىن سەن يوق .
دەرتلىرىم ۋولقان كەبى چىقسا ئېتىلىپ ،
لەھەڭلىرىم يۈتكەي مېنى ، لىكىن سەن يوق ،
ئاھۇزارىم يەتكەي ساڭا ، كەلگىن بىر رەت ،
بىل جېنىم ، كۈتتۈم بىر سېنى ، لىكىن سەن يوق .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
228 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-6 20:03:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|