ئەلۋىدا ئۇستاز
ئادىلجان (ئابلاخمەت)
(ئۇستاز ئابدۇرەھىم تىلەشۇپ ئۆتكۇرنى ئەسلەپ)
سايرام دۇلقۇنلاپ قىرغاققا تاشتى ،
ئابرال سۇكۇتتە ئۇنسىز يىغلىدى .
خەلقىم باغرى قان - زەرداپقا تۇشتى ،
ئۇستازدىن ئايرىلغان شۇ قارا كۇندە .
******
"ئىز"لار قالدىغۇ ئىزچىلىرى يۇق ،
"ئۇيغانغان زىمىن"مۇ تۇرار مۇڭ بىسىپ ،
قالدى ھەممەيلەن يۇرەكتىن يىغلاپ ،
ئۇستازدىن ئايرىلغان قارا كۇن ئەسلەپ.
******
يۇرەكلەر ئۇرتىنەر ھىجران دەردىدە ،
ئۇستازنىڭ ئىزىنى ئەسلەپ سىغىنىپ .
تىتىرىدى ھەتتاكى تەلكە تاغلىرى ،
كەلگەچكە مۇسىبەت ھەممىنى چەيلەپ .
*****
ئەلۋىدا ئۇستازىم خاتىرجەم ياتقىن ،
ئەۋلاتلار ئىزىڭدىن بىسىپ كەلمەكتە .
تاماملانماي قالغان شۇ گۇزەل ئارزۇيىڭ ،
رۇياپقا چىققۇسى ئەۋلاد قۇلىدا .
2015-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۇنى
107 قېتىم كۆرۈلدى | abral | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-5 23:31:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|