ھامان بىركۈن مال-دۇنيا ھەممىمزدىن قالاركەن
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
بۇھاياتنىڭ سازى چوڭ،ھەر مۇقامغا چالاركەن،
گاھى تەتۈر گاھى ئوڭ،مۇڭ-ئازاپقا سالاركەن.
بالىلىقىتا پەرۋاسىز ،ئۆتكەن بىلەن بۇ ئۆمۆر،
ئەزىرائىلمۇ جىنىڭنى ئاگاھلاندۇرماي ئالاركەن.
دەپ غىڭشما بۇرادەر،ياشلغىم-ئالتۇن چىغىم،
بۇ پەتىۋا يالغان،ئەمما،نادانغاخوپ ياقاركەن.
قىرى ياشقا باقماس ئەجەل،بالا كتپ باقىيغا،
ئاتا قىلىپ بۇ پانېدا،ئىچ ئاغىرىقى تاتاركەن.
ئامېتىڭ بار يىنڭدا،ھۆر-غىلمانلار سەن بىلەن،
قورسىغڭ توق،يەم غىمىڭ ھەممەجايدا قاتاركەن.
سەن پەرۋاسىز،غەمسز شاد،يۈرگنڭدە بىر كۈنى،
كسەل سىنىڭ پىشىڭدىن، كارۋىتىغا تاتاركەن.
ساقلىق دىگەن ئىگەمنڭ،بىزگە بەرگەن نىئمتى
قاراپ باققىن،ساقسزلار،ساي تېشېدەك ياتاركەن
يىتىپ قالساڭ بىركۈنلەر، ئورۇن تۇتۇپ ناۋادا،
ئەس-خيالىڭ شۇغەمدە،بشىڭ ئاندىن قاتاركەن
ھامان بىركۈن مال-دۇنيا،ھەمممىزدىن قالاركەن،
خامېنىڭدىن ھاياتلار،چەشنى سوروپ ئالاركەن.
كۈيلىرىڭنى ئەجدادىڭ داۋام ئىتىپ نەغىمىدە،
يارەنلىرىڭ سەن چالغان ئاشۇ كۈيگە چالاركەن.
مال-دۇنيا كۆپ بولسمۇ،بىراق سنىڭ ئەمەستۇر،
تېنىڭ ھامان لەھەتكە، قۇرۇق پېتى باراركەن.
مىراسخۇرلار سوقۇشار،ئەمدى دۇنيا مىنىڭ دەپ،
قىرنداشمۇ پۇل-مالچۈن،بىر-بىردىن چاناركەن.
كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار،ياشساڭمۇ مىڭ يللاپ،
ئەجەل ھامان پېشىڭدىن،بىر كۈنلىرى تاتاركەن.
شۇڭا ھايات قالدۇرار بىزگە تالاي سىر ھىكمەت،
ئولمەستەك ئاچكۆزلكنى بىزگە مەھكەم چاتاركەن
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
68 قېتىم كۆرۈلدى | bodak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-21 8:49:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|