سەن ئۈچۈنلا شئېر يازىمەن
سەن ئۈچۈنلا يازىمەن شئېر،
بولۇپ سېنىڭ يالغۇز شائىرىڭ.
سەن گوياكى ئاددى ئوقۇرمەن،
چىن سۆيگۈمدىن بىخەۋەر ئىدىڭ.
سۆيگۈم سىڭىپ ھەرپ قوينىغا،
ئۈزۈپ يۈرەر مىسرالىرىمدا.
تىنىقلىرىم تۇنجۇقۇپ گويا،
جان تالىشار ھىجرانلىرىمدا.
سەن بىر ھەرە،شئېرىم گۈل چېڭى،
لەۋ تەككۈزۈپ غايىپ بولىسەن.
يىغىۋىلىپ سۆيگۈ ھەسىلىنى،
تاشلاپ مېنى كىمگە سۇنىسەن.
سەن ئۈچۈنلا يازىمەن شئېر،
پاك قەلبىمنى چۈشەنگەن قەدەر.
سۆيۈپ ئۆتسە سۆيگۈم شامىلى،
ئۇيغىنارسەن بولغاندا سەھەر.
گۈلئاي يازمىسى
235 قېتىم كۆرۈلدى | GULAY | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-4 14:42:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-6 21:01:21 | يۇمۇرچى |
ياخشى يېزىپسىز ، داۋاملىق تىرىشىڭ !! |
2015-9-5 21:49:50 | manzilim san |
gulay bakbak yakxiyakxi yepipsiz |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|