ساۋاقداش
قەلەمدە :ئامانگۈل ھەسەن ۋىسال
كۈلسەڭ ئەگەر شادلىنىپ دىلدىن،
بىرگە كۈلەر ئىكەن ساۋاقداش .
قايغۇ -ئەلەم كەلسە بېشىڭغا ،
بىرىگە يۈتەر ئىكەن ساۋاقداش .
******
قسىمەتلەر كۆپ دۇنيا دىگەندە ،
ھەر قىسمەتكە كۆنەر ساۋاقداش .
ئاچ -توقلۇقتا تەڭ بولۇپ ھەردەم،
بىر ناننى تەڭ بۆلەر ساۋاقداش .
***********
ئاتا -ئاناڭ ، قېرندىشىڭ يوق ،
بولۇر ساڭا ھەمدەم ساۋاقداش .
نەمدەلسە كۆز ئازابتىن ئەگەر،
تەسەللىيدۇر ھەردەم ساۋاقداش.
***********
ھەرجايلاردىن كەلگەن بولساقمۇ،
بىر ياتسىراپ قېلىپ باقمىدۇق .
مەرىپەتكە بولۇپ پەرۋانە،
بىلىم بۇلاق چۆمۈپ قانمىدۇق .
************
ھەريەرلەردە بولغىن ساۋاقداش ،
شادلىق ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن.
مەڭگۈ يەڭگىن ئاچچىق قىسمەتنى،
ئامەت ساڭا كەڭ قۇچاق ئاچسۇن .
2017-6-11
تارىم (ۋىسال )
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
142 قېتىم كۆرۈلدى | ئامانگۈل ھەسەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-13 11:08:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|