ۋەتىنىم سېنى سۆيىمەن مەڭگۈ
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
ۋەتىنىم سېنى ، سۆيىمەن مەڭگۈ ،
ئىللىق قوينۇڭدا ، كېزىمەن مەڭگۈ ،
كۈيلەپ ئىناقلىق ، ئەبەدىل ئەبەد ،
قىزىل گۈل تېرىپ ، كۈلىمەن مەڭگۈ .
ۋەتەندە كۈلدۈم ، دىلىم يايرىغاچ ،
كېزىپ مەرىپەت ، تىلىم سايرىغاچ ،
ئاداققىي سۆيۈپ ، ياشايمەن ۋەتەن ،
ئانا ۋەتىنىم ، بەك ئىللىق بولغاچ .
پارتىيە نۇرۇڭ ، بولغاچقا نۇرلۇق ،
بىزنىڭ دىلىمىز ، بولدىغۇ يورۇق ،
جاسارەت بىلەن ، ئالغا چامدايىز ،
ئانا ۋەتىنىم ، بەرگەچكە ئوزۇق .
كۈلدۈرەر بىزنى ، ئىللىق سىياسەت ،
يورۇتۇپ دىلنى ، بېرىدۇ راھەت ،
مۇقىملىق ئۈچۈن ، ئاتاپ بارىمىز .
قوغدايمىز مەڭگۈ ، ۋەتەننى ئەبەت .
جاپا مۇشەققەت ، قورقۇپ قالمايمىز ،
ئازغۇن كەينىدىن ، مەڭگۈ ماڭمايمىز ،
قارشى تۇرىمىز ئەسەبىيلەرگە ،
ئۇرغىتىپ روھلار ، ئالغا چامدايمىز .
ۋەتەن ئىشقىڭدا ، يېنىپ ئوت بولۇپ ،
مەشئەل ياندۇرۇپ ، يارقىن نۇر بولۇپ ،
قىلىپ ئىشتىياق مەرىپەت ئۈچۈن ،
پەرۋاز قىلىمىز بىرگە جۈر بولۇپ .
ئانا ۋەتىنىم ، بارلىقىم سېنىڭ ،
گۈزەل باغلىرىڭ ، يايلىقىم مېنىڭ ،
كۈيلىرىم سېنىڭ ، سايرايمەن مەڭگۈ ،
ئىللىتتى دىلنى ، نۇرلىرىڭ سېنىڭ .
ئۇلۇغ ئانامسەن ، ئۆستۈم قوينۇڭدا ،
قاناتىم چىقتى ، گۈزەل بېغىڭدا ،
پەرۋاز قىلىمەن ، ئىگەللەپ بىلىم ،
سەن مېنىڭ بارىم ، ئەجرىڭ دىلىمدا .
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
59 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 16:02:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|