مۇھەببەت ئازابى
مۇسا تۇرسۇن (ياشراق)
سۆيگۈمنى ساڭا ئاتىغان جانانىم ،
ئازاپلار ئىلكىدە يۇرۇيمەن تەنھا .
ھەيھات سەن يۇرۇيسەن شۇنچىلىك خۇشال ،
گۆيا كى يۇرۇيمەن مۇردىدەك ھەتتا .
بىر كۇن ئازاپلىرىم يەتكەندە ساڭا،
سەنمۇ شۇنى بىر چاغ بىلىپ قالارسەن .
سىنىڭ ئۈچۈن كۆيگەن يۇرەكنى پەقەت ،
ھەي ئىسىت ھەي ئاپلا دەپلا قالارسەن .
ئۇمۈتسىز يۇرمەيمەن ،يەنەمەغرۇرمەن ،
بىر ماڭىمۇ قۇنار بەخىتنىڭ قۇشى .
بىلگىن بىر كۇن يىتەر ساڭىمۇ زارىم ،
سەن ئىدىڭغۇ يار بۇ كۆڭلۇمنىڭ خۇشى .
پۇچلانسا بۇ يۈرۇكۇم ئىشقى -ئۇتۇڭدا ،
قارايسەن ھەتتاكى شۇنچە بىپەرۋا .
ئۆزگە -باشقىغا باقمايدۇ بۇكۆڭلۇم ،
نىمانچە بەك جاھىل ،نىمانچە تەرسا .
مۇھەببەت ئازابى پەلەككە يەتسە ،
كۆيۇپ بۇ تەنلىرىم كۇل بۇپ كىتەرمۇ .
سېغىنىپ يار سىنى ، تەشنا بۇپ كۇتۈپ ،
ھالىم ۋەيرانە ،ھەسرەتتە ئۇتەرمۇ .
مارالبېشى
151 قېتىم كۆرۈلدى | مۇسا تۇرسۇن (ياشراق) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-22 22:27:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|