دىل
باھارگۈل ئىبرايىم
پاك بولغاچقا ۋۇجۇدۇڭ،
غوروردا ئەل،ساڭا ئايمۇ.
باراۋەردۇر سەن ئۈچۈن،
شۇڭا بايمۇ-گادايمۇ.
بارچە ئۈچۈن گۈزەلسەن،
ۋىجدان گۈلۈڭ بېغىدا.
بىخ سۈرگەچكە ئەقىدەڭ،
يۈرەكلەرنىڭ قېتىدا.
يۇلتۇز،چولپان ھەمدە ئاي،
كۈيەر رەشىك ئوتىدا.
چېچەك ئاچسا قانائەت،
سەبىرلىرىڭ قېنىدا.
گۈزەللىكتە سەن ئاينىڭ،
بىردىنبىرلا كۆندىشى.
ساڭا شەيدا يۇلتۇزمۇ،
تۇلۇن ئاينىڭ قولدىشى.
ساڭا شەيدا كۆڭۈللەر،
لاۋا يۈتەر تالاي كۈن.
ھەسرەتلەرگە چۆكىدۇ،
كۈيلەر ئېيتىپ سەن ئۈچۈن.
2015-يىل8-ئاۋغۇست باي
141 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-11 0:11:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|