ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قويغىن
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
مەيلى سەندىن ئېشىپ كەتسىمۇ،
ياكى بىشى كۆككە يەتسىمۇ،
قايغۇ ئىچىدە يىغلاپ ياتسىمۇ،
ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قويغىن.
بىيىپ كەتسە كاتتا باي بولۇپ،
چىنىسىگە شەربەتلەر تولۇپ،
ئالالىسا ئاينى ھەم يۇلۇپ،
ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قويغىن.
بىرىنىڭ بولسا قاتتىق كىبىرى،
بىرىنىڭ بولسا ياكى يېغىرى،
ساراي ئەمەس بولسا چېدىرى،
ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قويغىن.
ۋاپاسىز بوپ قالسىمۇ يارى،
ئايدەك بولسۇن ھەتتاكى بارى،
تالانتىنى قىلسىمۇ جارى،
ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قويغىن.
دوس يارەنگە تىلىسە شۇملۇق،
تۈلكە كەبى قىلسىمۇ قۇۋلۇق،
يوقسىزلىقتتا يۈرسىمۇ قۇرۇق ،
ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قويغىن.
2015-يىلى7-ئاينىڭ 31-كۈنى
193 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-7 10:21:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-8 10:10:05 | تۇرسۇن |
ياخشى |
2015-8-7 23:43:29 | zzz |
مەنسى ئوتكۈر تىما ئىكەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|