رىستۇران
خۇش بولاي دەپ سېنىڭدە كۆڭۈل ئاچتىم رىستۇران ،
دادام تاپقان پۇللارنى بۇزۇپ چاچتىم رىستۇران ،
كەيىپ بولۇپ ھەممىنى ئۇرۇپ چاقتىم رىستۇران ،
جىدەل تىپىپ نەچچە كۈن ئازاپ تاتتىم رىستۇران ،
شۇڭا ئەمدى سېنىڭدىن بەدەر قاچتىم رىستۇران .
تونۇپ بولماس قىزلارنى چىرايى يوق كۆرگۈدەك ،
گۈزەل چاغلاپ ئۆزىنى شېرىن خىيال سۈرگۈدەك ،
كەيىپلىكتە ئوغۇللار نوچى بولۇپ يۈرگۈدەك ،
قاش -قاپاقنى يېرىشىپ تاياق يىدى ئۆلگۈدەك ،
شۇ سەۋەپتىن بالنىستتا نەچچە ياتتىم رىستۇران .
توشۇپ كەتتى ھەر كىمنىڭ شىرەلەرگە تاۋىقى ،
ئېشىپ قېلىپ نۇرغۇنى بولدى ئىتنىڭ تامىقى ،
تاڭسا بىلەن ئۇسسۇلغا ئۈزۈلمىدى چاۋىكى ،
مۇشۇمىدۇ پەزىلەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ،
شۇڭا سەندىن ئۆزۈمنى ئاستا تاتتىم رىستۇران .
ئەل ياتقۇچە ئۆچمەيدۇ سېنىڭ رەڭدار چىرىقىڭ ،
ئالداپ ئاتا -ئاناڭنى شۇمۇ سىنىڭ چىنلىقىڭ ،
ھاراق بىلەن راۋانمۇ سېنىڭ ئالغان تىنىقىڭ ،
ئۇيغۇرغا بىر لەنەتتۇر قىلغان ھەربىر قىلىقىڭ ،
سەندە شەرمى ھايانى ئۇنتۇپ قايتتىم رىستۇران .
تاماشىدا ئۆتكۈزدۈڭ بىلگىن ھەربىر تۈنۈڭنى ،
رىستۇراندا ئوڭ دەمسەن ياكى دوستۇم كۈنۈڭنى ،
خاراپ بولسا مىللىتىڭ كىم ئاڭلايدۇ سۆزۈڭنى ،
شۇڭا ھەرگىز بىھۇدە ئۆتكۈزمىگىن ئۆمرۈڭنى ،
ئەمدى ئېغىر ھەسرەتكە تامام پاتتىم رىستۇران.
ئويۇن دىگەن ئەزەلدىن ئېشىپ قالغان تالايدىن ،
ئاددى كەپە ياخشىدۇر ھەشەمەتلىك سارايدىن ،
خاندەك ياشاش ئەۋزەلدۇر خۇشامەتچى مالايدىن ،
شۇڭا ھالال ياشىغىن تەر ئاققۇزۇپ ماڭلايدىن ،
چۈنكى ئەلدىن مىليونلاپ قارغىش ئالدىم رىستۇران .
دىلزات ئابدۇماناپ (سەھرا ئوغلى)
2015.8.15
311 قېتىم كۆرۈلدى | delzat8 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-30 14:18:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-1 21:06:33 | dolkon |
biznig sawakdax yam hu |
2015-9-1 15:52:36 | (ekteyar yarmuhanmat (tarki |
hakikatan yahxi qikiptu kalimigizga ham suz uynitixigizga kayil boldum |
2015-9-1 14:50:23 | بۈمەريەم |
يۈرەككە تەككىدەك ياخشى يىزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|