چۈشۈمگە كىر
باھارگۈل ئىبرايىم
كىر چۈشۈمگە ئىنتىلگەندە مەن،
باغاش ئېتەي سورىماي ئۆزرە.
ئېسىل تىلەكتىن تاقاي بىزەك،
شۇ ئېيتىلغان ھەر قەترە سۆزگە.
كىرگىن قېنى ئۈنسىز، تىۋىشسىز،
شايى لىباس ئارتقان لىۋەندەك.
مۇڭدىشايلى ئولتۇرۇپ يانداش،
مىسالى گويا ھەسەن-ھۈسەندەك.
خۇشاللىقنى ئالسۇن سۈرەتكە،
چولپان يۇلتۇز قاراقلىرىدا.
كۆڭۈللەرمۇ تاپسۇن تەسەللى،
ياشلار تولۇپ چاناقلىرىدا.
ئېسىۋالسۇن ئۈنچىدىن ھالقا،
كۆزلەر چۆمۈپ پىراقلىرىغا.
ياشلار ئەگىپ چۈشسۇن تامچىلاپ،
سۈيۈپ كۈلگۈن زىناقلىرىغا.
2015-يىل 30-ئىيۇن باي
175 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 0:04:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-3 12:44:16 | گۇلمىرە |
ئنتايىن ياخشى يىزىپتۇ |
2015-8-3 11:29:17 | mustapa |
maga yardi |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|