بايرىمىمىز مۇبارەك بولسۇن!
(بارلىق جاپاكەش كەسىپداشلىرىمغا بېغىشلايمەن)
ئىپارگۈل ئوسمان
«ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنىرى »بىز،
تارىختىن كەلدۇققۇ شۇنداق ئاتىلىپ.
دېيىشتى بەزىلەر ئۆچمەس شام چىراغ،
نۇرىمىز ئۆچكەندە قالدۇق تاشلىنىپ.
ئالقىشلار بېرىشتى يېزىشتى تۆھپە،
بەس– بەستە ماختالدۇق بارچە ئېغىزدا.
رەسمىيەت ئالقىشلار ھاجەت ئەمەستى،
ئەل پەقەت قەدرىمىز بىلىپ يەتسىلا.
بىز بىلەن بىرەر كۈن ئىشلىشىپ باقسا،
گاھىدا قاتتىق نان چىشلىشىپ باقسا.
مۇنبەردەئۆتكۈزۈپ تۇللۇق بىر كۈننى،
بور توزان ئاستىغا چىلىشىپ باقسا!
يۇلتۇزلار چاقنىغان يېرىم كېچىدە،
تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ كونسىپىك يازسا،
ھەتتاكى چۈشىدە«ياغاچ قۇلاقلار»،
گېپىنى ئاڭلىماي نەمۇ نە قاچسا.
بەزىدە ساقچى بوپ نوپۇس ئېنىقلاپ،
ئۆيمۇ ئۆي ئارىلاپ تەكشۈرۈپ باقسا،
بەزىدە دوختۇر بوپ قىزىتما ئۆلچەپ،
سىتاستىكىلاپ جەدىۋەل يازسا.
شەنبە يەكشەنبە ھېيىت بايرامدا،
ئۆيىگە قايتماستىن مەكتەپنى باقسا.
بوش ۋاقىت بولسىلا «ئىشلەك»لەر ئىشلەپ،
نېمە ئۇ دەم ئېلىش ئۇنتۇپلا قالسا.
شۇندىمۇ كۆرۈلسە قىلچە سەۋەنلىك،
تەنقىدتىن بېشىنى ئالالماي قالسا،
بۇلارمۇ ئاز كېلىپ ئاتا ئانىلار،
قىلىدىن قىل قىيىلسا داۋراڭلار سالسا،
ئارخىپنى ئىشلىسە ئىسمىنا قوشۇپ،
ساقسىز بوپ قالسىمۇ خىزمەتكە كەلسە،
چىشىغا تەگسىمۇ كەپسىز جىنتەكلەر،
زېرىكمەي تېرىكمەي تەربىيە بەرسە.
بېقىقسىز قىينالسا كېسەل ئانىسى.
ئۆيىدە سولاقلىق قالسا بالىسى،
شۇنچىلىك ئالدىراش ئۆتسىمۇ كۈنى،
قېپقالسا بىر توقاي ئىشنىڭ چالىسى.
لەڭپۇڭچى،زاسۈيچى، ھەتتا گازىرچى،
«چۈپەي»دەپ ئاتىسا «مۇئەللىم خەق» دەپ،
بارالماي قالسا گەر تويىغا بىرنىڭ،
تىللىسا«قائىدسىزمۇئەللىم ئەجەپ!…»
چىللىسا دوستلىرى قاتار چايلارغا،
(مۇئەللىم نەزرىدە خاتا چايلارغا.)
بارمىسا دوستلارمۇ «مۇئەللىمدە...!»دەپ،
قاچسا گەر ئۇنىڭدىن يىراق جايلارغا...........
بولدىلا گېپىمنى توختىتاي ئەمدى،
يوقالماس جاپالار قاقشاپ قويغانغا.
سۇنغۇم بار بايراملىق گۈزەل تىلەكلەر،
جاپاكەش مۇئەللىم كەسىپداشلارغا.
گۈل بولغاي قولۇڭلار تەگكەن تىكەنمۇ،
ئاسانلىق يار بولسۇن مۈشكۈل خەتەردە.
تېنىڭلار ساق بولسۇن يەتمىگەي ھاردۇق،
ئۇتۇقلار يار بولسۇن ھەربىر سەپەردە!!!
مېھرىڭلار دۇنياغا بەرسۇن ئىللىقلىق،
تېرىغان بىر تال گۈل بىر قۇچاق ئۈنسۇن.
قۇتلۇقلاپ سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارنى،
ئالقىشلار ياغدۇرۇپ كائىنات كۈلسۇن!!!
149 قېتىم كۆرۈلدى | ئىپارگۈل ئوسمان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-6 19:20:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|