تۆرىلەركەن قايتىدىن
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
بىر زامانلار يۈتۈپ كەتكەن ئەزىزلەر ،
تالاي يىللار چۆكۈپ ئەتكەن سەبىرلەر .
شۇندىن بېرى كۆرمىگەنغۇ سىماسى ،
چىقماي ئايلار يۈتىۋەتكەن قەبىرلەر .
كەتكەنلەرمۇ تۆرىلەركەن قايتىدىن ،
قىسمەتلەرمۇ ئۆرىلەركەن قايتىدىن .
ئەزرائىللار شەپقەت قىلسا ناۋادا ،
كەچكەنلەرمۇ كەپقالاركەن قايتىدىن .
خېرەلىشىپ ئاچالمىدىم كۆزلۈرۈم ،
ھالسىزلىنىپ ئېيتالمىدىم سۆزلۈرۈم ،
ئۇنۇتقانغۇ دۇنيارىڭدىن سۆيگۈنى ،
كالۋالىشىپ تاپالمىدىم ئۆيلۈرۈم .
ئويغاندىمۇ چۈشلىرىدىن ئېزىتقۇ ،
تولغاندىمۇ قەستلىرىدىن ئېزىتقۇ .
تۆۋىلەرنى قىلغان بولسا ناۋادا ،
ئويلاندىمۇ يۈرۈگىدىن ئېزىتقۇ .
قانداق ئېيتاي سورالمىدىم دەردىنى ،
قانداق قىلاي بىلەلمىدىم قەستىنى ،
يەنە يۈتسە مەنلا كېتەي قەۋرىگە ،
قانداق چىداي ئۇنتالمىدىم بەستىنى .
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
66 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-13 18:08:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|