گۈلباھارىم بار ساڭا
باھارگۈل ئىبرايىم
سەن مىنى قۇل چاغلىساڭ، نىسىپ بولغاي ھۆرلۈك ساڭا،
گۈل ئەمەس يەر چاغلىساڭ، ھەمراھ بولغاي رەيھان ساڭا.
بىلمىدىڭ سەندىن بۆلەكنى كۆرمىدىم سەندىن ئەلا،
نىمە دىسەڭ مەيلى مىنى يار بولغاي «خانلىق»ساڭا.
سەن مىنى يەر چاغلىساڭ،ئاتا بولسۇن پۈتۈن ئالەم،
تەلمۇرگەي بارچە جانلىقلار يۇلتۇزدەك چاقناپ ساڭا.
ئاھ ئۇرۇپ ھىجرانلاردا بۇچلانسىمۇ باغرىم مىنىڭ،
بارچە ئەلەم ماڭا بولسۇن، بارچە خوشاللىق ساڭا.
ۋۇجۇدۇم كۆيمەكتە ئوتتا، يالقۇنى گويا مەشئەل،
ئارزۇلار ئارا ھەردەم، تىلەيمەن سۇلتانلىق ساڭا.
يۈرىكىم ياشنار مىنىڭ، بولساڭ ئەگەر يانىمدا سەن،
بىمار دىلغا ئاراملىق بەر، پۈتسە لوقمانلىق ساڭا.
ئەقىدەم پاك بولغاچ مىنىڭ، سۈيگەن ئىدىم چىن دىلدىن،
ئىزتىراپ چەكسىمۇ يۈرەك، گۈلزارىم تەقدىم ساڭا.
نۇمۇسۇمنىڭ بەرگى گۈلدۇر، شۇڭا مەنمۇ گۈلباھار،
ساداقىتىم، مىھرىم بىلەن، گۈلباھارىم بار ساڭا.
2015-يىل30-ئاۋغۇست باي
136 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-5 2:11:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|