قېرىنداش
ئۇماق
ئۇچقۇن كەلسە سەن ئۈچۈن يانىدىكەن قېرىنداش،
داۋانلاردا سەن ئۈچۈن يانىدىكەن قېرىنداش .
قان -قېرىنداش دىگەندە ئوتلار يېنىپ قەلبىدە ،
ھەتتا جېنى مېلىدىن تانىدىكەن قېرىنداش .
ئاپەت كەلسە بېشىڭغا شىكەستىلەپ جېنىڭنى ،
ئويلىماستىن ئۆزىنى يەيدۇ سىنىڭ غېمىڭنى .
يۈرەكتىكى ئوتىدا پۇشۇرۇدۇ نېنىڭنى ،
دەريا بولسا سۈيۈڭدە ئاقىدىكەن قېرىنداش.
جۇدۇن كەلسە ئەگەردە شۈركەندۇرۈپ تېنىڭنى ،
يۈكلەر چۈشسە يەلكەڭگە ئىگىلدۈرمەس بىلىڭنى .
جاپالاردا قالسىمۇ ئاش ئىتىدۇ دېنىڭنى ،
ئەيىپلەرنى سەندىكى ياپىدىكەن قېرىنداش.
قۇم كىرسىمۇ كۆزۈڭگە ئاققۇزماسكەن يېشىڭنى ،
غەم قايغۇلار كەلسىمۇ قاتقۇزماسكەن بېشىڭنى .
ئادەتتىكى بولسىمۇ ئالماس دەيدۇ تېشىڭنى ،
ئەيىپلەرنى سەندىكى ياپىدىكەن قېرىنداش.
ئامەت كىلىپ سىنىڭگە شان شەرەپلەر قۇچقاندا ،
قاناتلىنىپ نەتىجەڭ ئاسمانلاردا ئۇچقاندا .
پۈتۈن دۇنيا سەن ئۈچۈن كەڭرى قۇچاق ئاچقاندا ،
پاياندازلار سەن ئۈچۈن سالىدىكەن قېرىنداش .
كۈرەلمەستىن دۈشمەنلەر تۇپا چاچسا ئېشىغا ،
شۇ سەۋەپتىن كۈن چۈشۈپ ئاپەت كەلسە بېشىڭغا .
مەيلى شاھ يا گاداي بول چىڭ ئىسلار پىشىڭغا ،
ئالتۇن قۇزۇق سەن ئۈچۈن قاقىدىكەن قېرىنداش .
190 قېتىم كۆرۈلدى | ئۇماق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-12 16:05:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|