بايرىمىڭنى مۇبارەكلەي ، سۆيۈملۈك قوزام
(بالىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن )
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
بايرىمىڭنى مۇبارەكلەي سۆيۈملۈك قوزام ،
سەن بولغاچقا ئەسلىدىمغۇ ، بالىلىق قوزام ،
بىر زامانلار بوۋاڭ بىلەن كۈلگەنغۇ مەنمۇ ،
بۈگۈن بايرام ، كۈلۈڭ قوزام ، باغرىمسەن قوزام .
بۈگۈن بايرام ، كۈلۈڭ قوزام ، باغرىمسەن قوزام ،
پۈتكۈل دۇنيا شاتلىقلارغا تولغاندۇ قوزام ؟
ئارزۇلايمەن تېمەنلىكىڭ ، بەختىڭ سېنىڭكى ،
دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ئوينىغىن قوزام .
دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ئوينىغىن قوزام ،
مەرىپەتنىڭ بۇلاغىدا ، پارلىغىن قوزام ،
ۋەتەن قوينى بەكمۇ ئىللىق ، ئۆگەنگىن مەڭگۈ ،
جاسارەتلىك بولۇپ ھەر چاغ ، پەرۋاز قىل قوزام .
جاسارەتلىك بولۇپ ھەر چاغ ، پەرۋاز قىل قوزام ،
مەشئەللەرنىڭ يالقۇنىدا ، نۇرلانغىن قوزام ،
تېرىش - تېرماش ، بىلىم ئالغىن ، تالمىغىن مەڭگۈ ،
ئەجدادلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن قوزام .
ئەجدادلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن قوزام ،
ئۇستازلارنىڭ ئەجىرلىرىنى ئۇنۇتما قوزام ،
ئەدەب - ئەخلاق بىلىپ ياشا ، ئازمىغىن مەڭگۈ ،
پەزىلەتلىك ئادەم بولغىن ، راستچىل بول قوزام .
پەزىلەتلىك ئادەم بولغىن ، راستچىل بول قوزام ،
مېھىرلىك بول ، قۇياشلاردەك نۇر چاچقىن قوزام ،
ۋاپادارلىك يىلتىلدۈرۈپ ، بولما ۋاپاسىز ،
ياخشى ئوقۇپ ، بولۇپ ئەزمەت ، سايرىغىن قوزام .
ياخشى ئوقۇپ ، بولۇپ ئەزمەت ، سايرىغىن قوزام ،
غەيرەت قىلىپ ، ئاي شارىغا قونغىنە قوزام ،
ئۇنۇتمىغىن بايرىمىڭنى بوۋاڭدەك مەڭگۈ ،
تاۋلاپ ئەقىل ، دۇلدۇل ئاتتەك يورلىغىن قوزام .
تاۋلاپ ئەقىل ، دۇلدۇل ئاتتەك يورلىغىن قوزام ،
ئاتىلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن قوزام ،
ئىللىقلىقنى قەدىرلىگىن ، سۆيگىن ئېلىڭنى ،
بايرىمىڭنى تائەبەتكە ئۇنۇتما قوزام .
بايرىمىڭنى تائەبەتكە ئۇنۇتما قوزام ،
ئەۋلادلارغا شانلىق ئىزلار قالدۇرغىن قوزام ،
تەبرىكلەيمەن بايرىمىڭنى يەنە بىر قېتىم ،
خۇشال سايراپ ، مەڭگۈ يايراپ ، ياشىغىن قوزام .
خۇشال سايراپ ، مەڭگۈ يايراپ ، ياشىغىن قوزام ،
بارلىغىڭنى ۋەتىنىڭگە ئاتىغىن قوزام ،
قىلمايمەنغۇ سېنىڭدىن مەن ، ھېچقانداق تەمە ،
خەلقىڭ ئۈچۈن ياشا مەڭگۈ ، سۆيۈنگىن قوزام .
خەلقىڭ ئۈچۈن ياشا مەڭگۈ ، سۆيۈنگىن قوزام ،
تەلۋىلەرگە زەربە بەرگىن ، جەسۇر بول قوزام ،
مۇقۇملۇقنى قوغدا مەڭگۈ ، بولغىن ئەزىمەت ،
توغرا يولنى بىلىپ ماڭغىن ، ئازمىغىن قوزام .
توغرا يولنى بىلىپ ماڭغىن ، ئازمىغىن قوزام ،
مەرىپەتنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغىن قوزام ،
ۋەتەن ، خەلقىڭ ،مىللەت ئۈچۈن تېرىش ئەبەدىي ،
بېغىشلىغىن بارلىغىڭنى، قايتمىغىن قوزام .
تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
64 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 20:53:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|