ۋەتەن ئىشقىدا
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
باغرىڭدا ئۆستۈم ، يېشىل قارغايدەك ،
سايرىدىم زوقتا ، خۇددى بۇلبۇلدەك ،
ئىللىدى قەلبىم ، نۇرىڭدا ئوتلۇق ،
ۋەتەن ئىشقىدا ، ياندىم گۇلخاندەك .
ۋەتەن قۇياشى ، چۈشەر مەڭزىمگە ،
قىزىل گۈللىرى ، ياقار قەلبىمگە ،
ئېلىم ئىشقىدا ، ياڭراتتىم كۈيلەر ،
شەرۋەت سۇلىرى ، تەگدى يۈرەككە .
ۋەتەن ئوتىدا ، ياندىم ئاتامدەك ،
سىماسى نۇرلۇق ، خۇددى ئانامدەك ،
قاغجىراپ يۈرمەي ، چۆللەردە يالغۇز ،
بىلىمەن مەڭگۈ ، ۋەتەن باغىمدەك .
سېغىندىم ھەردەم ، ئىللىق قوينىنى ،
گويا قۇياشتەك ، ئىللىق مېھرىنى ،
ئەجىرلىرىڭنى ئاقلايمەن ئانام ،
بىيىتلەر توقۇپ ، كۈيلەيمەن سېنى .
سەندەك غەمگۈزار ، يوقتۇر جاھاندا ،
ئاڭا ھەر مىللەت ، يايرار قوينۇڭدا ،
ئىللىقلىق كۈيى ، ئاڭلاندى ھەر يان ،
ئازماي ماڭىمەن ، داغدام يولۇڭدا .
زوقلىناي مەڭگۈ ، گۈزەل قوينۇڭدا ،
تاۋلىنىپ مەڭگۈ ، شانلىق نۇرىڭدا ،
تەرەققىياتنى ئويلايمەن مەڭگۈ ،
ئاتاپ بارىمنى ، ياشاي باغرىڭدا .
تەھرىرى :مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
14 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-8 14:33:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|