ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ
( ياسىنجان سەلەيئاخۇن )
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ ھىجران داغلىرى .
ئىچىلماستىن غۇنچە-چىچەكلەر ،
خازان بولغان سۆيگۈ باغلىرى .
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ ئازاپنىڭ دىغى .
ئۆچكىنى يوق ۋاپاسىزلارنىڭ ،
خەنجەر ئۇرۇپ قالدۇرغان ئىزى .
ئۆتمۈشۇمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ پۇشايمان ئۇھلار ،
بولدى قىلغىن قىينىما مىنى ،
سەپكەن كەبى يارامغا تۇزلار .
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ قىسمەت زارلىرى .
ئىچ ئاغرىتماي قاخشاشلىرىمغا ،
سۆيگۈمنى خار ئەتكەن چاغلىرى .
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ ھەسرىتىم چەككەن .
ھالاك بولۇپ كىتەرسەن بەلكىم ،
دەريا كەبى يىشىمغا تۆككەن .
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ قان ئاققان دىللار .
دۈشمەنلىرىم ئەمەستۇر بەلكى ،
چىن دوسلۇرۇم قاناتقان ئىزلار .
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ دەرتلىرىم تولغان .
سۆيسەڭ بۈگۈن ئەتەمنى سۆيگىن ،
چۈنكى ئۆتمۈش ئۇنتۇلۇپ بولغان .
ئۆتمۈشۈمنى يۈرمە ۋاراقلاپ ،
ئۇنىڭدا كۆپ ئەسلىمە ماڭا .
سەن ئەتەمنى كۈتەلىسەڭلا ،
كەلگۈسۈم ئۇ پايانداز ساڭا .
2015 . 8 . 24
ياسىنجان سەلەيئاخۇن كۈنەس ناھىيە …………
138 قېتىم كۆرۈلدى | 18699977794 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-26 9:31:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|