ھىجران
ھەمراجان تۇرغان ئۆزقىر
كېلىدۇ بىر ھېسلىرىم يادلىرىمغا،
مەيىنلىك ئەۋجىسىدە ئەۋج-ئەۋج .
ھېچ توسقۇن بولالـماس زارلىرىمغا،
ئەسلىمىلەر ئۇرۇپ كېلەر مەۋىج-مەۋىج.
يېغا بولۇپ يامىشار ئۆتمۈشلىرىم،
ئىمانىم پىچىرلايدۇ سەبىر-سەبىر.
يا رەببىم نىمە ئىدۇر كۆرمىشلىرىم؟
ھىجراندا ئۆلەر يېرىم قەبىر-قەبىر.
سۈكۈتتە پالەچلەندى تەپەككۇرۇم،
ئويغىتار مېنى قاچان لالە-لالە.
ئىستىقامەت يولىدا تەۋەككۇلۇم،
ئەمدى بولـماس يۈرەگىم پارە-پارە.
نىھايەت يېڭى بولسۇن قىسقانلىرىم،
ۋىجدانىم ئۇرۇپ تۇرغاي بەرق-بەرق .
شامال بىلەن ئۇچۇپ كەت پىغانلىرىم،
قىلـما ئەمدى ئۆتمۈشۈمگە غەرىق-غەرىق.
ئۆزقىر
176 قېتىم كۆرۈلدى | ئۆزقىر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-18 14:19:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|