شەبنەم

شەبنەم

‏باھارگۈل ئىبرايىم


‏كەچكۈز ھاۋاسى سالقىندىغان چاغ،

‏ياپراق بەرگىدە شەبنەم تۈنىشەر. ‏

يۇلتۇزلار ئۇزۇشۇپ ئاتقاندا تاڭ، ‏

تاغدىن قىزارغان شەپەق كۆرىنەر. ‏


‏شەپەق نۇرىدا جىلۋىگەر شەبنەم،

‏ياقۇتتەك چاقناپ تۇرىدۇ گويا.    

‏گۈللەر بەرگىدە سۈزۈك تامچىسى،

‏يالتىراپ ئۆزگىچە قىلىدۇ جۇلا.    ‏


‏سەھەر پەيزىگە قوشار لاتاپەت،     

‏  شەبنەم ئېسىلىپ تۇرغان گىيالار.     ‏

گويا ئاسقاندەك مەرۋايىت مارجان،   

‏كۆرۈنەر كۆزگە يېشىل قىيالار.      ‏


‏شەبنەمگە ئاشىقمەن چىن قەلبىمدىن،

‏  بولغاچ پاكلىقنىڭ يارقىن سىماسى.    

‏    پاكتۇر شەبنەمدەك سۈپ-سۈزۈك قەلبىم،

‏شۇنداق پاك بولسا ئىنسان دۇنياسى.   ‏


‏2015-يىل 5-سىنتەبىر (  باي  )





145 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 23:15:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ