ئاشىغىم تۇرۇپ
(ناخشا تېكىستى)
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
ماڭا قاراپ كۈلمىگەن بولساڭ،
قالماس ئىدىم تۈگىمەس دەرتتە.
يار ئىشقىڭدا كۆيمىگەن بولسام،
يۈرەك باغرىم بولماستى خەستە.
كەتتىڭ يىراق ئايرىلىپ مەندىن،
سۆيگۈ ۋاپا كۈتسەممۇ سەندىن،
كەچتىڭ ئاخىر بەرگەن ۋەدەڭدىن؟
كۈتكەنلىرىم يوقمىكىن ئەستە؟!
يالغۇز قالدىم ئاشىغىم تۇرۇپ،
قان يىغلىدىم شۇنچە يالۋۇرۇپ،
پەرۋايىڭ يوق ئۆلسەم ئاھ ئۇرۇپ،
يۈردۈڭ قايان رەززىل ھەۋەستە؟
مەڭگۈگە دەپ بەرسەم قولۇمنى،
غازان قىلىپ سۆيگۈ گۈلۈمنى،
بەرپات قىلدىڭ ئارمانلىرىمنى،
بوپتۇ كەتكىن قالما ھەسرەتتە.
2015-يىل 8-ئاي 26-كۈن (مارالبېشى)
161 قېتىم كۆرۈلدى | otkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-27 11:06:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|