ھەمرا يوق
ئەخەتجان مۇھەممەت(كۆكتال)
كىچەم مىنىڭ تەنھادۇر، يالغۇزلۇقتا ھەمرا يوق،
دەردىم تولا، دەرمان يوق ،غىرىپلىقتا ھەمرا يوق.
تۈندە يانغان چىراقمەن، ھىجران چاققان پىراقمەن،
يالغۇزلۇقتىن ئىپ قاچار؟مىھرى ئاتەش ھەمرا يوق.
سىردىشىمەن ئاي بىلەن، كۆتە چاپقان تاي بىلەن،
شۇ يالغۇزۇم، تۈنۈمدە دەردىم ئاڭلار ھەمرا يوق.
جۇدۇن سوققان تىنىم بار ،زەپ داغلانغان دىلىم بار،
شۇ كىسەلگە باسقۇدەك، داۋايىم يوق،ھەمرا يوق.
ياپراق قىلدى تۆكۈلگەن، بۇ ھاياتنىڭ بورانى،
تۇتار دىسەم قۇل سۇنۇپ، قول بەرگۈدەك ھەمرا يوق.
چۆلدە ئۇچقان ئاققۇمەن، بىر ھاسىسىز قارغۇمەن،
قولۇم يىتلەپ يورۇققا، ئاچۇققۇدەك ھەمرا يوق.
2015.9.11
127 قېتىم كۆرۈلدى | karaqvx | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-12 8:24:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|