ھاياسىز قىزلارغا
نىمە بولدى قىزلارغا بۈگۈن،
مەيدىسىدىن كۆرۈنەر يوچۇق.
تومۇز بولماي قوڭى تەرلەمدۇ،
ئىڭىشسىلا دۈمبىسى ئوچۇق .
يوپكىلارنى كىيمەيدۇ ئەسلا،
نىيۇزەيكۇسى بەلنى ياپالماس.
نىقتاپ كىيىپ ئۈگەنگەچكە ئۇ،
بالىنىمۇ ئوڭشاپ تۇغالماس.
ئۇلار قانداق بولاركىن ئانا،
قىز ۋاقتىدا ئاشۇنداق يۈرۈپ.
ئىچىلامدۇ بەختى ئۇلارنىڭ،
پەرىشتىلەر تۇرسا تۈكۈرۈپ.
شەرمى -ھايا قىزلارنىڭ جېنى،
ئەخلاقسىزدىن بىزاردۇر ھەركىم.
نازۇك جايلار ئەۋرەت دىگەننى،
ئۇ ھاياسىز بىلمەيدۇ بەلكىم.
يېزىلغانكەن كىتاپتا شۇنداق،
كۈن كۆرىسەن نىيەتكە قاراپ.
ئالدى- كەينىڭ ئوچۇقلا تۇرسا،
ئەللەر سېنى دىمەمدۇ «جالاپ»؟
ئوڭشالماستىن يۈرسەڭ ئاشۇنداق،
سېنى ياخشى ئەرلەر ئالامدۇ؟
بانا تېپىپ دەيسەن ئۆزۈڭگە ،
تۆشۈك مارجان يەردە قالامدۇ؟
قىيامەتتە ھىساب بەرگەندە،
ئېسىلىسەن ئاچقان يېرىڭدىن.
جەبرائىللار بىر بۇيرۇق بىلەن،
تۇتۇپ كېلەر قاچقان يېرىڭدىن.
يۇمۇرچى 2013-4-26
262 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 13:21:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-26 11:56:20 | ھەزرتىئۆمەر ئابدۇرىشىت |
ناھايىتى قالتىس يېزىپسىز ،كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يېزىپسىز ،راسلا ! مەنمۇ شئېرلىرىمدا ئونچىۋالا نەق ۋە ئۆتكۈر گەپلەرنى سىزدەك ئېچىپ دەپ باقماپتىمەن. كاشكى ئۈن -دىدار نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز سىزبىلەن دوست بوپ قالاركەنمە ،يا بولمىسا مېنىڭ «مۇھەببەتلىشىش دەستۇرى »دېگەن ئەسىرىمدە QQنومۇرۇم بار ،خالىسڭىز جالىڭە . |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|