ي >> ھەرىپى بىلەن باشلانغان شېئېر >>
يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
ئاپتۇرى -مۇھەببەت كۈيچىسى -مۇھەممەتجان سامساق ،
يالغاننى يارىغا ياغدۇرار يامغۇر ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
يارسىز يۈرسەڭمۇ يامىنى يوقتۇر ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
يۈرۈكۈڭ يارلىنار يالغانچى ياردىن ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
يۈزۈڭنى يوقىتار ياۋنىڭ يېنىدا ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
ياخشى يار يېنىڭدا يۈرەكنى يامار ،
ياخشى يار يۈرىكىدە يۇلتۇزلار يانار ،
ياخشىغا يولۇقساڭ ياقۇتلار ياغار ،
يۈزسىز يالغانچىغا يېقىن يولىما ،
ياخشىغا يۈلەنسەڭ ياشنايدۇ يۈرەك
يىللارچە يىگلىمەس يۈرەك يىلتىزى ،
يۈرۈدۇ ياندىشىپ ياققان يامغۇردا ،
يۈگرەيدۇ يۈرەكتە يارنىڭ يىلپىزى ،
يۇلتۇزدەك يانمايدۇ يارلانغان يۈرەك ،
يۈزسىز يالغانچى يارغا يۇلۇققىنىڭدا ،
ياخشىغا يالۋۇرساڭمۇ يامىنى يوقتۇر ،
يارا يۈرۈكۈڭنى يامايدۇ يىرتىلغىنىدا
يۈزۈڭدىن يوقۇلار ياشلىق يارىشى ،
يۇلۇقساڭ يۈزسىز يالغانچى يارغا ،
ياخشى ياريۇلۇڭدا يۇيار يۈزۈڭنى ،
ياماشقىن يۆگمەشتەك يۆلىگەن يارغا ،
يامان يارغا يۇلۇقساڭ يۇقار يارىسى ،
يىراق يۈر يۇلۇڭدا يىلاندەك ياردىن ،
يۇلۇڭدىن يىقىتار يۈزلىرىڭ يېغىر ،
يىغلايدۇ يۈرۈكۈڭ يۇلۇنۇپ ياردىن ،
يارلىنىپ ياتساڭمۇ يۆلەيدۇ يايرىڭ ،
ياخشىغا يۆگىشىپ ياشا يۆگىمەشتەك ،
ياشلىقىڭنىڭ يېغىدا يانىدۇ يايرىڭ ،
يۇلۇڭنى يۇرىتار يۇرۇق يۇلتۇزدەك ،
ياخشى يار يۈگەنسىز يۈرمەيدۇ يولدا ،
يۆلەپ يۈرەر يارلىنىپ ياتقانلىرىڭدا ،
يامان يار يولۋاستەك يالمايدۇ ياندا ،
يۈتمەس يېغىر يېلىنمىساڭ يانپاشلىرىڭدا ،
يېغىپ يامغۇر يازدا يالپۇز ياشارغىندا ،
ياشلىمىدى يالغۇزلۇقتا يەنە يۈرەكلەر ،
ياخشى يارنىڭ يولىغا يۈرسەممۇ يىغلاپ ،
يۇلۇقمىدى يوللۇرۇمدا يانغان يۈرەكلەر ،
ئاپتۇرى- مۇھەببەت كۈيچىسى ،
ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق ،
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار 15599755288
2017-6-13
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
36 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-14 19:02:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|