ئەزىزلەيلى ئاتا-ئانىنى
رەھمەت
بۇ تەغدرگە كۆنمىگەن كىم با،
ئايرلدىم مەن ئۇلۇغ ئانامدىن.
ھەسرىتىمگە چىقمىدى داۋا ،
ئىزلىسەممۇ پۈتكۈل ئالەمدىن.
ئانا دىدىم زار-زار يىغلىدم،
كۆزيىشىمغا تولدى كائىنات.
تەڭىرىگىمۇ يىلىندىم نەچچە،
جان ئانامنى قىلغىن ئىلتىپات.
تىگىشكىلى بولسىدى ئەگەر،
مال دۇنيانى بىر ھاياتلىققا .
قۇل بولساممۇ رازىتىم مەڭگۈ،
تەڭرىم سىزگە قىلاي ئىلتىجا.
ئەپسۇس كەتكەن كەلمەسكەن ئەسلا،
قەبرىگە مىڭ قىلساقمۇ تاۋاپ .
يىغلاپ-يىغلاپ قايتىدىكەنمىز،
قەبرىدىن ھىچ چىقمىغاچ جاۋاپ.
مانا شۇنداق بۇ ھاياتلىقنىڭ ،
قەبىرىگاھقا تۇتاشكەن يۇلى.
يىنىمىزدا بولسۇن-بولمسۇن،
ئەزىزلەيلى ئاتا-ئانىنى .
280 قېتىم كۆرۈلدى | rahmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 0:31:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|