ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
تال چېۋېقنى بىللە ئويناپ يۈرگۈنۈم ،
كوچىلاردا ۋاللەيلەرنى ئېيتقىنىم ،
دالىلاردا ناخشا ئېيتىپ كۈلگۈنۈم ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ، گۈدەكلىكىم جان دادا .
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
سېنىڭ بىلەن خېچىرلارنى مىنگىنىم ،
چارچاش بىلمەي ، پادا قوغلاپ يۈرگۈنۈم ،
چۇقان سېلىپ ، قاپاقلارنى تۈرگۈنۈم ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ، بالىلىقىم جان دادا .
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
گۆشلىرىڭنى تارتىپ ئېلىپ يىگىنىم ،
كەپسىزلىكتە دوللىرىڭغا چىققىنىم ،
تاتلىقىنە ، قېنىپ سېنى سۆيگۈنۈم ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ، شوخلىقىمنى جان دادا .
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
ئېرىقلارغا سۇلار كېچىپ كىرگىنىم ،
تاشلىقلاردا پۇتبول ئويناپ يۈرگۈنۈم ،
دوقمۇشلاردا پاخپاق ئويناپ كۈلگۈنۈم ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ، كەپسىزلىكىم جان دادا .
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
مەكتەپلەردە سىنىپلاردىن قاچقىنىم ،
دەپتەرلەرنى بەش فۇڭلارغا ساتقىنىم ،
ئىشلىيەلمەي تاپشۇرۇقنى ئاتقىنىم ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ، ھورۇنلۇقۇم جان دادا .
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
ھېيت بايراملار ، شەھەرلەرگە بارغىنىم ،
دوقمۇشلاردا گازىر - پۇرچاق ئالغىنىم ،
كوچىلاردا ھېرىپ - چارچاپ تالغىنىم .
ئۇنۇتتۇڭمۇ ، خۇشال كۈنلەر جان دادا .
ئېيتقىن دادا ، ئېسىڭدىمۇ بايرىمىم ؟
سەن بولمىغاچ ، قالدى مېنىڭ ئارمىنىم ،
روھېڭ ھەمراھ ، يولدا يالغۇز قالمىدىم ،
بولدى مېنىڭ ، تاتلىق بالام ئامرىغىم ،
ھەممىمىزگە قۇتلۇق بايرام ، جان دادا .
بارلىق بالىلارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن ! خۇشاللىق مەڭگۈ يار بولغاي ، بەخت ئامەت نىسىپ بولغاي ، ئەتەڭلار نۇرلۇق ، كەلگۈسىڭلار پارلاق ، ئائىلەڭلار شاد - خۇراملىق ، ھەر بىر كۈنۈڭلار مەنىلىك ، تۇرمۇشىڭلار راھەت ئىچىدە ئۆتكەي !!!
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
142 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-31 15:54:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|