ئېلىپ كەت
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
دەرتلىرىمنى كەلگىن ئېلىپ كەت،
سەنسىز كۈنگە شاتلىق بېرىپ كەت.
مىسكىن يۈرەك يېغلاپ قالمىسۇن،
غەملىرىمنى يىراق ئېلىپ كەت.
بۇ ھالىمنى بىر رەت كۈرۈپ كەت،
پەس كويلارغا مىنى سېلىپ كەت.
يېتىرقاشتا ئۆتمىسۇن كۆڭلۈم،
ماڭا ئۈمۈت يەنە بېرىپ كەت.
چۈشلىرىمگە كۈندە كىرىپ كەت،
ئۆمۈرلۈككە ۋەدە بېرىپ كەت.
ئوتقا تاشلاپ كۆيگەن يۈرەكنى،
مۇزغا تېڭىپ سوۋۇندۇرۇپ كەت.
ئىزلىرىڭنى مەڭگۈ كۈمۈپ كەت،
ئەسلىمەمدىن تىنىچ چىقىپ كەت.
خارلىمىغىن پاك سۆيگۈمنى سەن،
سۆيەلمىسەڭ مەندىن نېرى كەت.
149 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-5 21:08:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|