بالىلىقىم قايان كەتتىڭ سەن
ـ تال چىۋىقنى ئات قىلىپ مىنىشكەندە بىز،
يالاڭ ئاياغ پاتقاقلارنى كىچىشكەندە بىز.
ئايدىڭ كىچە كىچىلەردە قاپقالغانتى ئىز،
سېغىندىم مەن بالىلىقىم قايان كەتتىڭ سەن .
ئويۇن دىسە ئويۇنلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ،
قوساقلارنى ئۇنتىغانتۇق ئويۇننى كۆرۈپ.
يىقىلساق ھەم يىغلىماستىن قاقالاپ كۈلۈپ،
سېغىندىم مەن بالىلىقىم قايان كەتتىڭ سەن.
سەن بار چىغىڭ خاتىرجەم يۈرۈپتىكەنمەن،
سىنى ھەرگىز كەتمەيدۇ دەپ بىلىپتىكەنمەن.
بۇ ھاياتنى شۇنداق ئاددىي كۆرۈپتىكەنمەن،
سېغىندىم مەن بالىلىقىم قايان كەتتىڭ سەن.
چوڭ بولۇپ سىنى بىر رەت كۆرەي دىسەم ،
سىنى باغاشلاپ باغرىمغا بىر باساي دىسەم .
سىنىڭ بىلەن قېنىپ-قېنىپ ئويناي دىسەم،
سېغىندىم مەن بالىلىقىم قايان كەتتىڭ سەن.
ھايات♡يولۇم 2015.8.9 ئۈندىدارSaMii0909
231 قېتىم كۆرۈلدى | hayatyolum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-9 12:04:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|