ھاياتلىق يولىدا
سەيپىدىن ئامۇت
ھاياتلىق سەپىرىم قىلماقتا داۋام،
ئىشەچلەر قول سۇنۇپ بەرمەكتە ئېلھام.
ئېگسى بولدۇممەن نى-تۈنۈگۈننىڭ،
ئويلىسام ياش بېرەر كۆزلىرىم تارام.
ياشاپتىم تالايلاپ يۈدۈپلا ئارمان،
ئارمىنىم يۈكىگە تاپالماي دەرمان.
ئەلەمدىن يېرىلىپ قىينىلار بارىم،
تېشىغا تەپمەكتە يۈرەكتىكى قان.
بۇ ئالەم ئىچىنى قىلىپ زىيارەت،
گاھ بىلىپ بىلەلمەي تاپتىم مەلامەت.
قاپقارا بويالدى تۈنۈگۈن دېگەن،
ئۆرۈدۈم بۈگۈنگە ئاچتىم يېڭى بەت.
تۈنۈگۈن ئۇ كەتتى شۇنداق تىپتىنىچ،
ئەتە دەپ ئۇزىراپ بارماقتا غېرىچ.
يېنىمغا تېز كەل! دەپ دانىلىقىمنى،
مەنزىلىم چىللاشتىن توختىمايدۇ ھېچ.
بولسىمۇ مەنزىلىم ئۇزاقتا-ئۇزاق،
ماڭىمەن بېغىشلاپ قالساممۇ ياياق.
تېپىشار ...ئۆزىمۇ جاۋاپ بېرىدۇ،
بۇ تىنىم ھامانى بىر ئوچۇم تۇپراق.
2015.20 ئاۋغۇست
147 قېتىم كۆرۈلدى | 1727758308 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 0:52:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|