سۆيۈپ باق
(غەزەل)
ئابدۇرەشىد تۇرسۇن
جانان سېنى سېغىندىم،كېلىپ مېنى كۆرۈپ باق،
لەۋلىرىمگە لەۋ يېقىپ،مېنى بىر پەس سۆيۈپ باق.
قەلبىمدىكى ئەڭ ئەزىز ،ئالتۇن تەخت سېنىڭكى،
شۇ تەختتە ئولتۇرۇپ ، بەخت پەيزى سۈرۈپ باق.
يىغلىمىغىن ھەرگىزمۇ، خالىمايمەن كۆز ياشنى،
مېنىڭ بىلەن سەيلە قىپ،قانغۇچە بىر كۈلۈپ باق.
بەكمۇ غېرىب، بىچارە بوپ قاپتىمەن ئويلىسام،
تەنھالىقنى چاندۇرماي مېنىڭ بىلەن تۇرۇپ باق.
يالغۇز مېڭىپ يوللاردا ،زېرىكىپمۇ قالغانسەن،
كەلگىن جانان يېنىمغا،مېنىڭ بىلەن يۈرۈپ باق.
چىن دىلىدىن شائىرىڭ،سېنى بەكمۇ سۆيىدۇ،
سەنمۇ دەرتمەن شائىرنى چىن دىلىڭدىن سۆيۈپ باق.
2017-يىلى16-ئاپرىل
شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېزىلدى.
40 قېتىم كۆرۈلدى | abdurxed | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 10:23:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|