بالىلىقنى ئەسلەپ
(گۈلجامال يولۋاس )
جىمجىت كىچە ،خىلۋەت ئورماندا ،
تەنھا بىر قۇش تىنماي سايرايدۇ .
قەلبىم بىتىنى ھەر ۋاراقلىسام،
بالىلىق ئەسلىمەم گاھ يىلىنجايدۇ .
بالىلىقىم سەبىي چاغلىرىم ،
شۇنچە ئەركىن شاد-خۇرام ئىدى.
دوستلار ئارا ئويۇنلارمۇ ھەم ،
شۇنچە سەرخىل مەنىلىك ئىدى.
ئۇ چاغلاردا دوستلىرىم بىلەن ،
شۇنچە خۇشال غەمسىز ئوينايتۇق.
پەقەت ئويۇن بىلەنلا بولۇپ،
جاپا دىگەن نىمە بىلمەيتتۇق.
كۈنلەر ئۆتۈپ ،ئايلار ھەم ئۆتۈپ ،
مانا بىردەم چوڭ بولۇپ قاپتۇق.
ئەركىنلىكمۇ ھەم تامام بولۇپ،
تۈرلۈك ئىشلارغا بەنىت بولۇپ قاپتۇق.
ھەر ئويلىسام مانا شۇلارنى ،
قەلبىم شۇنچىكى لەرزىگە تولار.
خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغماي،
قەلبىم تىشىغا ئۇرغۇپ ھەم تاشار.
2015.8.5 مىسكىنىي ئىجادىيتى گ. يولۋاس
170 قېتىم كۆرۈلدى | guljamal198 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-6 1:16:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|