يازغىنىم قەلبىمدىن تۈكۈلگەن شېئىر
باھارگۈل ئىبرايىم
مۇھاببەت بىر پىچاق سانجىلدى ئاخىر،
يۈرەكنى پارچىلاپ ئۆتتى بىر غەزەپ.
تۇرۇپ مەن بەخىتسىز نىكاھ تەختىدە،
كەپتىمەن ئازابنى رەڭگا-رەڭ بىزەپ.
يازغىنىم قەلبىمدىن تۈكۈلگەن شېئىر،
سىزىمەن دەز كەتكەن يۈرەك قەغەزگە.
«بەخت»دەپ قۇرۇلغان نىكاھ قەسىرىم،
ئوخشىدى ئۇ ئاخىر تۇزىغان گۈلگە.
ھاياتتا سۆيگۈدە ئاداشقىنىم راست،
ياشايمەن مەن ۋىسال مەھرۇملىقىدا.
ۋاقىتسىز قۇرۇلغان نىكاھ قەسىرىم،
بۇزۇلغاچ تاشلاندى ئازاب تېغىغا.
سىرىم ئېيتاي ئۆزگىلەرگە بىلدۈرمە،
بەختىڭ شۇ،بولسا گەر نىكاھىڭ پارلاق.
ئېچىلمىسا ئەگەر بەخت ئىشىكىڭ،
ئۇ خۇددى يۈرەككە قادالغان پىچاق.
2015-يىل باي
185 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-3 0:12:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-4 15:54:13 | qinakida |
yahxi qikipt,mubarak bolsun… |
2015-8-3 12:31:10 | بابى |
ياخشى يېزىپسىز، بەختلىكبەختلىك بولۇڭ |
2015-8-3 0:30:23 | ئاق ئەتىرگۈل |
ياخشى يىزىپسىز،بەخىتلىك بۇلۇڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|