دوستۇمغا
ئەي دوستۇم كەتتىڭ سەن تولىمۇ يىراق،
بۇدوستلۇق يۈركىمنىڭ قېتىدا بىراق.
نە سەۋەپ سەن مېنى كېتىسەن تاشلاپ ،
ياشلىقىمىز بىزلەرگە ئاچقاندا قۇچاق.
ھەمنەپەس ماڭغانىدۇق بولۇپ سەپەرداش،
نى كۈنلەردە ئىككىمىز ئىدۇق تەغدىرداش.
كېتىپ قالدىڭ تەغدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن ،
بولۇشقاندا قول بېرىپ بىز چىن قېرىنداش .
تۇغۇلغان بولساقمۇ يىراق بۇ تاغدا،
ئوينايتتۇق ئىككىمىز ھەر گۈزەل باغدا .
ئەپسۇس سەن ماڭالماي بىزبىلەن مەڭگۈ،
دوستلارنىڭ يۈركىنى قالدۇردۇڭ داغدا .
2015-يىل 16-ئاپرىل
نۇرئېلى ئابابەكرى ـ ئۆركەش
140 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئېلى ئابابەكرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 4:47:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|