دۇنيادا ھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام
ئەركەكلەرئەزەلدىن ئاتا ۋارىسى،
جاپادامۇكچەيگەن ئۇنىڭ يەلكىسى.
يۆلەنسە يۆلەنچۈك خوتون بالىسى،
قولىدا كۈندىلا تۇرمۇش ھارۋىسى.
شۇندىمۇ تۈگىمەس خوتون غەلۋىسى،
دۇنيادا ھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس.
ئاياللارئەركەكنىڭ ئەگرى قوۋورغىسى،
بولغاچمۇ كۈچىسىە ھامان سۇنغۇسى.
ئامال يوق پەپىلەش ئۇنىڭ چارىسى ،
ئۇردىمۇ بولمايدۇ ھەرگىزياخشىسى .
بۇلغايدۇ نامىنى قىلغان نالىسى،
دۇنيادا ھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس.
خىزمەتتىن ھېرىپلا كەلگەندە تېخى،
ئائىلە كەيپىيات خاپىلق بىخى.
ئايالنىڭ قاپىغى تۈرۈلگەن چېغى،
ئانىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت تىغى.
ئېرىنىڭ قەلبىدە ئازاپلارتېغې،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتون بولماق تەس.
ئالىدۇ كىيىم-كىچەك ئايال مودىسى،
چارچىتارئېرىنى قىلغان سودىسى.
خرىستال لوڭقىسى تەخسە رومكىسى ،
بەزىسى نەق تېخى بەزىسى نېسى.
يىل ئۆتمەي مودىدىن قالارھەممىسى،
دۇنيادا ھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس.
ئەركەككە كۆزيېشى ئەسلا ياراشماس،
يىغلىسا مجىق دەپ ھىچكىم ياراتماس.
پۇل تېتپ يۈرمىسە ئايال قارىماس،
دەيدىكەن دىتى يوق نەقلا يارىماس.
ئېغىزدا ۋىجداندۇر كۆڭلىدە ئالماس،
دۇنيادا ھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس.
يىقىلسا ئورنىدىن دەس تۇرالمىسا،
ئۆتنە -يېرىمنى قايتۇرالمىسا.
ئائىلە پەرزەنىتنى قوغدىيالمىسا،
چوڭ ئۆينى ۋاقتىدا يوقلىيالمىسا.
ۋەدىنى قەرەلدە ئاقتۇرالمىسا،
دۇنياداھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس.
ئاياللار ئاجىزبوپ يارالغاچقىمۇ،
ئەقلىدىن ئۇزۇن چاچ تارالغاچقىمۇ.
يول قويۇش ئايالغا قارالغاچقىمۇ،
ئەركەكلەرچىداملىق سانالغاچقىمۇ.
ئەركەككە بېسىملار شۇڭا ئاشتىمۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس.
ئايالغۇ يىغلاپلا دەرتنى چىقىرار،
ئەركەكچۇ يۈرەككە دەرتنى سىغدۇرار.
ئەركەك دەپ قويۇلغان ئېغېرسوئاللار،
بىچارە ئەركەكنىڭ بېشنى قاتۇرار.
چۈشەنمەس ھەرگىزمۇ بۇنى ئاياللار،
دۇنياداھەممىدىن ئەركەك بولماق تەس .
2015*8*23
812 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-25 0:33:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|