ئىناقسىزلىق قىلىشمايلى دوستلۇرۇم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
قىلىشمايلى يۇرتۋازلىقنى ياتلىشىپ ،
مېھىر - مۇھەببەت بىرىشەيلى دوستلۇرۇم ،
يۈز ئۆرىمىگىن مەنپەتلەرنى تالىشىپ ،
ئىناقسىزلىق قىلىشمايلى دوستلۇرۇم .
خىزمەتلەردە ئىجىل - ئىناق بولايلى ،
كۆزىمىزنى يۇمۇشمايلى دوستلۇرۇم ،
بالىلارغا مېھىرلەرنى بىرەيلى ،
ئەلەي - پەلەي قىلىشمايلى دوستلۇرۇم .
مەنسەپلەرنى قوغلاشمايلى يول ئىزدەپ ،
بېغىشلاشنى بىلىۋالغىن دوستلۇرۇم ،
ياخشىلارنى چەتكە قاقما گەپ تېپىپ ،
ئەقىدە قىل مەرىپەتكە دوستلۇرۇم .
ئىلىم يولى نۇرلۇق يولدۇر ئازمىغىن ،
مەشئەللەرنى تۇتاشتۇرغىن دوستلۇرۇم ،
ئەسەبىيلىك ، قۇتراتقۇلۇق قىلمىغىن ،
ئېغىزىڭنى يىغېشتۇرغىن دوستلۇرۇم .
ياخشىلارنى چەتكە قاقما ، ياتلىما ،
توغرا يولدا ئازماي ماڭغىن دوستلۇرۇم ،
ۋۇجۇدىڭدىن ئىلىم بەرگىن ئەۋلاتقا ،
مەرىپەتنى چۈشەپ قويما دوستلۇرۇم .
مېھرلەرنى ئاتا قىلغىن ھەممىگە ،
ئازغۇنلۇقنى قىلما ھەرگىز دوستلۇرۇم ،
سۆيگىن ۋەتەن ، يەتكىن ۋەتەن قەدرىگە ،
مېھىرلەرنى بېرىپ تۇرغىن دوستلۇرۇم .
مائارىپ ئۈچۈن پەقەت كېرەك مۇھەببەت ،
قوپاللىقنى قىلما ھەرگىز دوستلۇرۇم ،
ئېچىلدۇرغىن گۈللىرىڭنى تائەبەد ،
ئەۋلاتلارغا ئۈلگە بولغىن دوستلۇرۇم .
تالاشمىغىن تۆھپىلەرنى سەن پەقەت ،
مەرىپەتنى ئويلا دائىم دوستلۇرۇم ،
ئۇنۇتمىغىن بالىلارنى تائابەت ،
تېرىش مەڭگۈ ۋەتەن ئۈچۈن دوستلۇرۇم .
كويلىمىغىن قوشنىڭىزنىڭ ئورىسىنى ،
گۈللىرىنى ئۈزۈۋەتمە دوستلۇرۇم ،
ئادەم بولغىن ، ئۇنۇتمىغىن ئۆزۈڭنى ،
يۈرىگىنى دەز قىلىشىپ دوستلۇرۇمئ.
جاھان مېنىڭ دەپ جۆيلىمە ئالدىراپ ،
ئازار بەرمە دوستلۇرۇڭغا دوستلۇرۇم ،
قەدىرلىگىن دوستلۇقىڭنى راست قىلىپ ،
ئىزەتلىشىپ بىل ياشاشنى دوستلۇرۇم .
ھەقىقەتنى ئەلا بىلگىن ، راست كۈلۈپ ،
ئايرىۋالغىن ھەق - ناھەقنى دوستلۇرۇم ،
ئالىلىقنى سالمىغىن رەڭ بېرىپ ،
پەرۋىشلىگىن گۈللىرىڭنى دوستلۇرۇم .
تىپىشلىمە يۇقۇر تۆۋەن قاتىراپ ،
بالىلارنى ياخشى ئوقۇت دوستلۇرۇم ،
كۆزۈڭ كۆرسۇن ، توغرا يولغا يول ئېلىپ ،
مەرىپەتنى كۈيلە مەڭگۈ دوستلۇرۇم .
مەرىپەتنى سۆيگىن ئەبەت تېرشىپ ،
تاشلىغىنسەن ياسالمىلىق دوستلۇرۇم ،
ئەۋلاتلارغا كۆڭۈل بەرگىن گۈل تېرىپ ،
مۇنبەرلەردە چاقنىغىنسەن دوستلۇرۇم .
بولدى قىلغىن سەپسەتىنى دېمىگىن ،
مۇقۇملۇقنى ياقلىغىن دوستلۇرۇم ،
ۋەتەن ئۈچۈن ، ھارماي - تالماي تېرىشقىن ،
ئويلىمىغىن ئېناقسىزلىق دوستلۇرۇم .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
36 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:21:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|