كۆڭۈل قالدى يىگانە
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
ۋىسال تاپماي مۇھەببەت،
قايان كەتتى ساداقەت.
يالغانلارنى كۆپ قىلىپ،
ماڭا قىلدىڭ ھاقارەت.
ۋەدەڭ قالدى ئۆتمۈشتە،
چۆلدە قالدى ئۈمۈدۈم.
قۇم ئاستىغا كۈمۈلۈپ،
ئارزۇ قىلىپ كۈتكۈنۈم.
ساددا كۆڭلۈم قۇۋ بولدى،
تۈلكىلەرنى كۆپ كۆرگەچ.
ئىشەنچ مەندىن يىراقلاپ
ئايرىلىشڭنى مەن بىلگەچ.
كۆڭۈل قالدى ھۇقۇشتەك،
يالغۇز دەرەخ تۈۋىدە.
ئارمان بۇلدى ھەم كاككۇك،
ھەر كۈن زەينەپ چۈشىدە…
220 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-22 0:45:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|