ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار
يۇمۇرچى
بىلمىسە ئۇ دوستلۇق قەدرىنى،
چۈشەنمىسە جۈپتى قەلبىنى،
ئۆز نەپسىگە تارتسا ھەممىنى،
ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.
قوسىغىدا ئۆتەر غۇم ساقلاپ،
خىجىل بولماي ئۆزىنى ئاقلاپ،
پىكىر بەرسە سەكرىسە تاقلاپ،
ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.
مېنىڭ راست دەپ يول قويماس بىر رەت،
ئۆزى قوپال ، قىلىقلىرى سەت،
ئاڭلىمايدۇ پەندى - نەسىھەت،
ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار .
ئۆتۈپ تۇرار كۈندە سەۋەنلىك،
تۈزەتمەيدۇ بۇ بىر --كېسەللىك،
بەلخەم خىلىت، سەپرا مىجەزلىك،
ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.
يوق ئىش ئۆچۈن چىقىرار جىدەل،
تۆلەپ تۇرسا بۇنىڭغا بەدەل،
يۈزىگە قانچە بەرگەن بىلەن ھەل،
ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.
ياخشى ئايال ئەر ئۈچۈن بايلىق،
خۇيلانغىنى--روھى گادايلىق،
گەر بولسىمۇ ئايدەك چىرايلىق،
ئەرلەر بۇنداق ئايالدىن بىزار.
310 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-27 12:29:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|