مىھرىڭدىن گۈل چاچالامسەن؟
باھارگۈل ئىبرايىم
خالايىق ئالدىدا ۋىجدانىم بار دەپ،
قوروق گەپ سېتىشتىن خىجىل بولمامسەن؟
ساۋادىڭ يوق تۇرۇپ ۋىجدان،ئەخلاقتىن،
يەنە بۇ جەھەتتە لاپ ئاتالامسەن؟
ھاجەتمەن بىر كىشى ياردەملەر سوراپ،
كەلسە گەر ئالدىڭغا تىيىن بەرمەيسەن.
ئىشرەتكە چاچىسەن تاپقان پۇلۇڭنى،
ياخشىلىق قىلىشنى راۋا كۆرمەيسەن.
جانانىڭ ئاھ ئۇرار بىۋاپا يار دەپ،
دۇنيانىڭ گۈلىنى نىچۈن چەيلەيسەن؟
ئاناڭمۇ قىز ئىدى تۇغقانغۇ سېنى،
نىمىشقا سەن بۇنى ئويلاپ باقمايسەن؟
ئۆزۈڭنى دۇنيادا بىر نوچى چاغلاپ،
بىچارە،مىسكىنگە نەزەر سالمايسەن.
قەلبىڭدە بولمىغاچ ۋىجدانى بىلىم،
مىھىر-ۋاپا،ساداقەتنى،بىلمەيسەن.
ئاتا-ئاناڭ ساقلار قاچان كېلەر دەپ،
تەلمۈرسە يولۇڭغا بىر رەت كەلمەيسەن.
چوڭ قىلغان ئىدىغۇ ئارزۇلاپ سېنى،
ئەجرىگە ئاشۇنداق جاۋاب قىلامسەن؟
ئېيتقىنا مىھىرنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،
ۋىجداندىن بىر جۈملە سۆز ئاچالامسەن؟
قەلبىڭنى ۋاپادا بىزىمەي تۇرۇپ،
بىراۋغا مىھرىڭدىن گۈل چاچالامسەن؟
2015-يىل باي چوڭ كۆۋرۈك
168 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-10 23:57:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|