بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار
(مەنسۈرمۇھەممەت)
ۋەدىلىشىپ ئەينى چاغ نىكاھ قۇرغان ئۆزۈڭلار ،
ئايرىلماسقا بەلباغلاپ ياش ئاققۇزغان كۆزۈڭلار.
ئۆتە-ئۆتمەي نەچچەيىل قايان ئۇچتى سۆزۈڭلار،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل - ئىناق ئۆتۈڭلار .
چۈشىنىشكە تۇرمۇشنى ئون يىلمۇھېچ كۆپ ئەمەس،
ھەر قەدەمدە مۈشكۈلات داۋانلىرى ئېگىز -پەس.
يىتىش ئۈچۈن ۋىسالغا بولۇش كېرەك ھەمنەپەس ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
ئائىلىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۇل-ئاساسىي ئەردېمەك ،
قۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاققۇزىدۇ تەردېمەك .
ئائىلە ئۈچۈن ھەتتاكى ھاياتىنىمۇ بەر دېمەك ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
ئايال بىلەن گۈزەلدۇر تۇرمۇشتىكى ھەرقەدەم،
گاھ قەدەمدە يۈرەكنى ئازابلايدۇ دەرت-ئەلەم .
ئارمانىغا يىتىشكە ئىچەلىسە تەڭ قەسەم ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
ئۇنتۇلدىمۇ يۈرەكنى يېرىپ بەرگەن ۋەدىلەر ،
بۇزۇلدىمۇ يارئۈچۈن چېلىپ بەرگەن پەدىلەر .
يامان بولسا ئۆزيارىڭ ياخشى يارىڭ نەدىلەر ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
ئەمدى ئاتا سەنمۇھەم كىچىكلىكنى تاشلىغىن ،
ھاياتىڭنى قەدىرلەپ تۇرمۇشىڭنى باشلىغىن .
گەپ يېمىسە ئايالىڭ داخانلارغا ئاشلىغىن ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
201 قېتىم كۆرۈلدى | mansur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-22 14:40:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|