كۆيگەن ئەقىدە
بار چىغىدا بىر ناننى تەڭ بۆلۈشكەن ئىدۇق،
ئاخىرى شۇ بىر نانغا قالدۇق جەڭلىشىپ.
خىرىس قىلىپ ئۆزئارا ياۋۇز بۆرىدەك ،
قالدۇق ھەم بوينىمىزغا قىلىچ تەڭلىشىپ.
دوستلۇرۇم تىلىدىن تامچىيدۇ زەھەر ،
يۈرۈكۈم ئۆرتىنەر ئاچچىق سۆزلەردىن .
قاقاقلاپ كۈلسىمۇ ئەمما ۋە لىكىن ،
شۇملۇق چىقىپ تۇرىدۇ ئاشۇ كۆزلەردىن .
شامال بوپ ئالدىمدا يۈزۈمنى سۆيسە،
بوران بوپ كەينىمدىن يىقىتار مىنى .
ساداقەت ۋاپادىن قالمىغاچ ئەسەر،
كۈلپەتتە قىينالدى ئەرچىننىڭ جىنى .
2014. يىلى 7. يانۋار يەكەن
ئەكبەرجان ئىدىرس ئەرچىن
291 قېتىم كۆرۈلدى | ARQEN | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 13:26:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|