كەتمەكچى يايرىم
ئاپتورى :گۆھەرنىسا "ئوقۇغۇچى
بىرلەر كېلەر بىر قىزنى يىتلەپ ،
چاقچاق قىلىپ ،ئويناپ ،كۈلدۈرۈپ .
بىر چاغلاردا دىگەن "گۆھەرىم "،
ئەمدى كەتتى ،كەتتى يۈزئۆرۈپ .
پەرۋاسىزلا يىراقلار يولدىكى سايە ،
دالدىدىكى سايە چىقتى يۈگۈرۈپ .
ئېتىكاپقا كىرىپتۇ دۇنيا ،
مەنمۇ سىڭىپ كىردىم قوينىغا .
جىمجىت گۇگۇم ،كىملەر كۆزى ياش ...
ئەسلىمەكتە ئېسىلغاننى يارنىڭ بوينىغا .
باغقا ماڭدى ئۇلار سوڭدىشىپ،
كىرمىدىم بەلكى يارنىڭ ئويىغا .
بەلكى ئۇ مەندىن بەكلا يىراقتا ،
شىرىن قىزنىڭ ھىدى ھەرياقتا .
شېئىر ،رومان ۋەيا شىرىن سۆز ،
يارنىڭ قولى قىز تۇتقان شاختا .
ئۆزى بىرگە ،كۆزلىرى بىرگە ،
ئەتىمالىم كۆڭلى يىراقتا .
ياز باشقا ، كۆيدۈم مەن يازدەك ،
ساز باشقا ،چېلىندىم سازدەك .
كەتتى ئاپتۇبۇستا تاتلىق ئەتىياز ،
ماڭا قالدى بىردەملىك ،غېرىپ ، ئىسسىق ياز .
مەيلى كەتسەڭ ، ئاز بولساڭمۇ ئىللىق ئىدىڭ ياز ،
كۈز بىلەن قۇرۇپ كىتەر روھىممۇ ئاز -ئاز .
122 قېتىم كۆرۈلدى | گۆھەرنىسا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-11 0:02:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|